|
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىتنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش پونكىتىنىڭ 1 – ئايدىن 6 – ئايغىچە بولغان تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۈرۈمچىدىكى 1 – دەرىجىلىك سۇ مەنبىئى ––– ئولامباي سۇ ئامبىرىدىكى ئۈزۈقلۇقنىڭ كۆپىيىش كۆرسەتكۈچىسى بۇلتۇرقى 46.76 دىن تۆۋەنلەپ بۇ يىلقى 38.9 غا چۈشۈپ، سۇ ئامبىرىدىكى سۈنىڭ سۈپىتى تەدرىجى ياخشىلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئۇزۇقلۇقنىڭ كۆپىيىشى بىر تۈرلۈك ئازۇد، فوسفور قاتارلىق ئۆسۈملۈك ئۇزۇقلۇق ماددىلىرى تەركىبى زىيادە كۆپ بولۇشتىن كېلىپ چىققان سۇ سۈپىتىنىڭ بۇلغىنىش ھادىسىسى ئىكەن. شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: نەزىرىيە تەھلىلىدىن قارىغاندا، ئولامباي سۇ ئامبىرىدا ئۇزۇقلۇقنىڭ كۆپىيىش دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئاساسلىقى مۇنداق ئىككى تەرەپ سەۋەپ بولغان، بىرى، يۇقىرى ئېقىمدىن كەلگەن سۇ مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، سۇ ئامبىرىدىكى ئورگانىك ماددىلارنىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن، بۇنىڭ بىلەن، سۇ ئامبىرىدىكى ئۇزۇقلارنىڭ كۆپىيىشى دەرىجىسى مۇناسىپ تۆۋەنلىگەن بولۇشى مۇمكىن، يەنە بىرى، سۇ جىسمىدىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلار ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنغان.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى سۇ مەنبەسىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، سۇ مەنبەسى ئەتراپىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرغان ھەمدە قۇيۇپ بېرىلىدىغان پاسكىنا سۇلارنى مەركەزلىك يىغىۋېلىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئورگانىك ماددىلارنىڭ سۇ جىسمىغا كىرىشى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنىپ، سۇ سۈپىتىدە ياخشىلىنىش بولغان.
بۇنىڭدىن باشقا، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مۇھىم بېلىق باقمىچىلىق بازىسى ––– سەيۋوپو كۆلى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان سۇ رايونى بولغان خۇڭيەنچى سۇ ئامبىرىدىكى ئۇزۇقلۇقلارنىڭ كۆپىيىش دەرىجىسىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن.
|