باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
مېيىپلەر ئو ت م گە قاتناشقان چولپانلار: تەنتەربىيە تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتتى، دەپ چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى
2008- 09- 10 11:02 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. ئافىنا مېيىپلەر ئو ت م مەزگىلىدىلا ئىرېن پوپوۋېچ قېرىندىشى فىلىپىس تېخى ئورۇندىيالمىغان يەتتە تۈرلۈك مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ھەممىسىدە چېمپىيون بولغانىدى. ئېگىزلىكى ئاران 34.1 مېتىر كېلىدىغان سۇ ئۈزۈش ساھەسىدىكى بۇ ‹‹ئايال فىلىپىس›› مۇنداق دېدى: مېيىپلەر ئو ت م نىڭ سېھرىي كۈچى شۇ يەردىكى، مېيىپلەر ئۆزىنىڭ مېيىپلىكىدىن زارلىنىپ ئولتۇرمايدۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ نېمە قىلالايدىغانلىقىنىلا ئويلىشىدۇ.

   مېيىپلەر ئو ت م دە مېيىپ تەنھەرىكەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۈمىدۋارلىقى، جاسارىتى ۋە جان تىكىپ ئېلىشىش روھى بىلەن دۇنيانى تەسىرلەندۈردى. باشقا نۇقتىدىن قارىغاندا، تەنتەربىيە ھەرىكىتى ۋە مېيىپلەر ئو ت م مېيىپلەرنى جىسمانىي ۋە پسىخىك جەھەتتىن ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان ئەڭ ياخشى رېتسېپ. نۇرغۇن كىشىنىڭ تەقدىرى دەل مۇشۇ سەۋەبلىك ئۆزگەرگەن.

   پوپوۋېچ 9 – سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن ئاياللارنىڭ 100 مېتىرغا پاقىچىلاپ ئۈزۈش تۈرىدىكىSB7دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە ئۆزىنىڭ بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م دىكى 3 – ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشتى ھەم دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. كۆمۈرچىكىنىڭ يېتىلىشى تۇغما مۇكەممەل بولمىغان ئامېرىكىلىق بۇ قىز ئوچۇق مىجەزلىك بولۇپ، كىچىكىدىنلا پۇتبول، ئات ئويۇنى قاتارلىق ھەرخىل تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشاتتى، ئۇزاق مەزگىللىك چېنىقىش ئۇنى ياخشى تەن ساپاسىغا ئىگە قىلدى، سۇ ئۈزۈش بىلەن مېيىپلەر ئو ت م ئۇنى دۇنيا دەرىجىلىك چولپانغا ئايلاندۇردى. تۇيۇقسىز مېيىپ بولۇپ قالغان تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەنتەربىيە بىلەن مېيىپلەر ئو ت م ‹‹قۇتقۇزۇش›› ئۈنۈمىگە ئىگە.

   ئېچىلىش مۇراسىمىدا قولىغا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، تەنھەرىكەتچىلەرگە ۋەكىل بولۇپ قەسەم بەرگەن جۇڭگو چىڭداۋدىن كەلگەن ئەما قىز ۋۇ چۈنمياۋ كىشىلەرگە تونۇلدى. 9 – سېنتەبىر ئۇ ئاياللارنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىنىڭ T11 دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى، بۇ دەرىجىدىكى ‹‹ئايال ئۇچار ئادەم›› بولۇپ قالدى. ئۇ ئون ياشقا كىرگەندە كۆرۈش قۇۋۋىتى تېز تۆۋەنلەپ كۆرەلمەي قالغاندا بىرمەھەل روھى چۈشۈپ كەتكەن، يېنىك ئاتلېتىكا مەيدانىدا ئۆزىنى قايتا بايقىغاندىن كېيىن ئاندىن روھىي چۈشكۈنلۈكتىن قۇتۇلغان. ئۇ: تەنتەربىيە ماڭا تۇرمۇشنىڭ قىممىتىنى قايتا تونۇتتى، دېدى. كورىيىلىك 41 ياشلىق ئايال ماھىر كىم لىنيۈەن ھازىرغىچە بالىلىق مەزگىلىنى ئەسلىگىنىدە يەنىلا كۆزىگە ياش ئالىدىكەن. تۆت يېشىدا بالىلار پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىم لىنيۈەن خۇشال، غۇبارسىز بالىلىق شادلىقىدىن ئايرىلغىنىدا ھەتتا ئۆلۈۋېلىشنىمۇ ئويلىغان ئىكەن. ئۇ: تەنتەربىيە ئىشەنچىمنى ئەسلىگە كەلتۈرگەچكە، مەندە ياخشى ياشاش ئىشەنچىسى تۇغۇلدى، دېدى. ئۇ 9 – سېنتەبىر ئاياللارنىڭ 50 مېتىرغا مىلتىق بىلەن ئۈچ خىل قىياپەتتە قارىغا ئېتىشSH1  دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى. ھازىر ئۇ يەنە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.

   9 – سېنتەبىر ئەرلەرنىڭ 200 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش تۈرىدىكىS3  دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە 2 – لىككە ئېرىشكەن جۇڭگو ماھىرى لى خەنخۇامۇ ئوخشاش تەسىراتتا ئىكەن. ئالتە يېشىدا قاتناش ۋەقەسىدە مېيىپ بولۇپ قالغان بۇ يىگىت مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا روھسىز ئىدىم، كۈندە ئۆيدىن چىقمايتتىم، سۇ ئۈزۈش ماڭا 2 – قېتىم ھاياتلىق بەردى.

   ئەرلەرنىڭ ئولتۇرۇپ ئوينايدىغان ۋالىبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بوسنىيە – گېرتسىگوۋىنا كوماندىسى كىشىنىڭ تېنىنى جۇغۇلدىتىدۇ. ئالدىنقى ئىككى مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئۇلار ئاسانلا ئۇتۇپ، گۇرۇپپىدىن چىقتى. بۇ قوشۇن ئىنتايىن ئالاھىدە، كوماندىدىكى 12 ئەزانىڭ پۇتىنى ئۇرۇش ياكى ئۇرۇشتا ‹‹قېپقالغان نەرسىلەر›› مېيىپ قىلىپ قويغان. 16 يېشىدا يول ياقىسىدىكى مىنا پارتلىغاندا ئوڭ پۇتىدىن ئايرىلغان يۈسۈپوۋېچ: شۇ چاغدا مەن ئۇشتۇمتۇت ئۆزۈمنىڭ ھەممە نەرسىدىن ئايرىلغىنىمنى ھېس قىلغانىدىم، دېدى. لېكىن ئۇ تەڭرىنىڭ ئۆزىگە پۇرسەت قالدۇرغانلىقىدىن خۇش بولدى. چۈنكى ئۇ ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقاندا بىرەيلەن ئۇنىڭغا ۋالىبول ئويناش تەكلىپى بەرگەن. شۇنداق قىلىپ تەنتەربىيە ئۇنىڭ بىردىنبىر ئۈمىدى بولۇپ قالغان. ئۇ كوماندا ئەزالىرى بىلەن ئۆمىلەپ يۈرۈپ توپ ئويناپ ، ئۆزىنىڭ مېيىپلىقىنى ئۇنتۇپ ‹‹پەرۋاز قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ››. ھازىر 27 ياشقا كىرگەن يۈسۈپوۋېچ يەنە بىرقېتىم مېيىپلەر ئو ت م  گە ئاتلىنىپ، قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىلگىرىلىمەكتە.

  تەنتەربىيە ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەنىدى، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئاۋسترالىيىنىڭ 47 ياشلىق جۇدو چېلىشىش ماھىرى كىلاك 9 – سېنتەبىر 2 – مەيداندا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ 5 – قېتىملىق، يەنى ئاخىرقى قېتىملىق مېيىپلەر ئو ت م سەپىرىنى ئاياغلاشتۇردى. لېكىن ئۇنىڭ ئىشلىرى ئاياغلاشمىدى، ئۇ ئەما جۇدو چېلىشىش تەنھەرىكەتچىلىرىنى مەخسۇس تەربىيىلەيدىغان كۇلۇب ئاچقان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساغلام كىشىلەرنىڭ جۇدو كۇلۇبىغا كىرىپ داۋاملىق مەشىق قىلىشىغا ياردەم قىلىدىكەن.

   ۋېنچۇەندىكى كۈچلۈك يەرتەۋرەشتە ئوڭ قولىدىن ئايرىلغان بىر ئوغۇل بالا بىرقانچە كۈندىن بۇيان تېلېۋىزوردىن مېيىپلەر ئو ت م نى كۆرۈپ، بىر قولى بىلەن سۇ ئۈزۈشتە چېمپىيون بولغان دۇجيەنپىڭنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلدى، ئۇنىڭ يېڭى نىشانى مېيىپلەر ئو ت م گە قاتنىشىش بولدى. مانا بۇ تەنتەربىيىنىڭ سېھرىي كۈچى، مېيىپلەر ئو ت م نىڭ تۆھپىسى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ