|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىدا (9 – سېنتەبىر)، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگو، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 8 – سېنتەبىر بىرلىكتە چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيىسىنىڭ باش شۇجىسى، چاۋشيەن دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جيۇڭئىل، چاۋشيەن ئالىي خەلق كېڭىشى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم يۇڭنام ۋە ئىچكى كابىنېت زۇڭلىسى كىم يوڭئىلغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيىسى، چاۋشيەن ھۆكۈمىتى ۋە چاۋشيەن خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا ياخشى تىلىكىنى بىلدۈردى.
تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېيىلدى: چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى چاۋشيەن خەلقىنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ۋە سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇش يېڭى يولىغا ماڭغانلىقىدىن دېرەك بەرگەن. 60 يىلدىن بۇيان، چاۋشيەن خەلقى رەئىس كىم ئېرسىن، باش شۇجى كىم جيۇڭئىل ۋە چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز بۇنىڭدىن چىن كۆڭلىمىزدىن خۇشال بولدۇق. چاۋشيەن خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا ئىزدىنىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاشقى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە داۋاملىق يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە چىن كۆڭلىمىزدىن تىلەكداشمىز.
تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن تاغ، دەريالىرى تۇتىشىدىغان قوشنا. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى ۋە راۋاجلاندى. بىز چاۋشيەن بىلەن بىرلىكتە، ئەنئەنىگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش، ئىناق قوشنىدارچىلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش روھى بويىچە، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، رايونىمىزنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشنى خالايمىز.
تەبرىك تېلېگراممىسىدا چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گۈللەپ ياشنىشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈلدى.
|