باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
نۇر بەكرى خۇاشيا بانكىسىنىڭ باش مۇدىرى بىلەن كۆرۈشتى
2008- 09- 10 10:31 شىنجاڭ گېزىتى

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى 8 – سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن خۇاشيا بانكىسىنىڭ باش مۇدىرى، قوشۇمچە پارتكوم شۇجىسى زەي خۇڭشياڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

   نۇر بەكرى زەي خۇڭشياڭنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەن 30 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولۇپ، تارىختىكى تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلىگە كىردى. ھازىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ بايلىق، ئېنېرگىيە مەنبەسىگە بولغان ئېھتىياجى كۈندىن – كۈنگە ئېشىۋاتىدۇ، شىنجاڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كۆمۈر قاتارلىق بايلىق، ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنى جەلپ قىلىپ، ئۇلارنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىگە قاتناشتۇرۇپ، يېڭىچە سانائەتلىشىشنى تېزلىتىش قەدىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ.

  نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىش شارائىتى ھازىرلاندى، پۇرسەت پىشىپ يېتىلدى، تېپىلغۇسىز تەرەققىيات پۇرسىتىمۇ پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى پۇرسەت ياراتتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بانكىچىلىق ۋە پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىپ، سەھنە ھازىرلاپ، ئەلا مۇھىت بەرپا قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىنىشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

   زەي خۇڭشياڭ ئاپتونوم رايوننىڭ خۇاشيا بانكىسىنى قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، خۇاشيا بانكىسى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشىدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ