|
ئەگەر، سىز ئىشلەۋاتقان ئىدارىڭىز بىلەن رەسمىي ئەمگەك توختامى تۈزۈپ ، ئىش ھەققىڭىز نورمال تارقىتىلىۋاتقان شارائىتتا ، ئىدارىڭىزدىن تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندىنى ۋاقتىدا تۆلەپ بەرمىگەن بولسا، سىز 4622912 ۋە 4622653 گە تېلېفون قىلىپ ، ئەرز قىلسىڭىز بولىدۇ.
9 – سېنتەبر ، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە ، نۆۋەتتە ، مەركىزىي شەھەر تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندىغا قارىتا مەخسۇس تۈزەش ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ . بۇ قېتىملىق نۇقتىلىق تۈزەش ئاساسلىقى ، ئىدارىلەرنىڭ سەۋەبسىز جامائەت فوندىنى تۆلىمىگەن ، ئاز تۆلىگەن ، تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئالداپ ئىشلىتىۋالغان، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىگە دەخلى يەتكۈزگەن قاتارلىق قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىدىكەن.
شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ ئېيتىشىچە ، 7 – ئايدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەخسۇس تۈزەش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 77 ئىدارە – ئورۇن يېڭىدىن جامائەت فوندى ھېساباتىنى ئاچقۇزۇپ ، 3974 ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ ئولتۇراق ئۆي فوندىنى تاپشۇرۇپ بەرگەن ؛ 20 دىن ئارتۇق ئوزۇن مۇددەت ئولتۇراق ئۆي فوندىنى تاپشۇرمىغان ئىدارە ئورگاننىڭ تولۇقلىما سوممىلىرى مەجبۇرىي تولۇقلاپ تاپشۇرغۇزۇلغان .
|