|
كۈيتۈڭ شەھىرى فۇرۇڭلى شەرقىي رايونى ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئازاد رامازا توغرىسىدا
يەكەن ناھىيىسى بەشكەنت بازىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مەرھابا بىلەن ياقۇپجان ھەر قېتىم پوچتىدىن ئەۋەتىپ بېرىلگەن پۇلنى تاپشۇرۇۋالغاندا، چوڭقۇر مېھىر – شەپقەتنى ھېس قىلاتتى.
كۈيتۈڭ شەھىرى فۇرۇڭلى شەرقىي رايونى ئاھالە كومىتېتىدا ھەر ئاينىڭ 20 – كۈنى مائاش تارقىتىلاتتى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس، فۇرۇڭلى شەرقىي رايونى ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئازاد رامازا مەيلى قانچىلىك ئالدىراش بولسۇن، ھەر ئاينىڭ 20 – كۈنى پوچتىخانىغا بېرىپ، بۇ ئىككى بالىغا 100 يۈەندىن تۇرمۇش خىراجىتى ئەۋەتىپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالمايتتى. ھازىر ئۇنىڭ بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرغىنىغا ئۈچ يىل بولدى.
ھازىر بۇ ئىككى بالا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3 – يىللىقىغا كۆچتى. مەن ئۇلارغا باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگىچە ياردەم بېرىمەن، – دېدى ئازاد.
ئالتە يىلدىن بېرى، بۇ پارتىيە ئەزاسى ئوقۇيالماي قالغىلى تاسلا قالغان ئون بالىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى مەكتەپنىڭ ئىللىق قوينىغا قايتۇرۇپ كەلدى. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار 20 كىشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.
مېھىر – شەپقەت خۇددى باھاردىكى قۇياشقا ئوخشايدۇ
2002 – يىلى قىش پەسلىنىڭ بىر ئاخشىمى، ئازاد خوتۇنى بىلەن ئۆيدە تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇراتتى. جياڭسۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ››مۇلازىمەت ئاۋانگارتلىرى‹‹پروگراممىسىدا يەن پەنپەن ئىسىملىك يېزىلىق قىزچاقنىڭ ھېكايىسى كۆرسىتىلدى: يەن پەنپەننىڭ دادىسى مېيىپ، ئاپىسى ئالەمدىن ئۆتكەن، سىڭلىسى ئوقۇشسىز قالغان بولۇپ، ياشىنىپ قالغان مومىسى ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانىدى. ئازاد بۇ ئىشنى كۆڭلىگە پۈكتى. ئۇ ئايالى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئەتىسىلا پوچتىدىن جياڭسۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا 1000 يۈەن ئەۋەتىپ، يەن پەنپەنگە يەتكۈزۈپ بېرىشنى ھاۋالە قىلدى.
بۇ ئازادنىڭ تۇنجى مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش ھەرىكىتى ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ 2 – ، 3 – ، 4 – قېتىم ھەتتا ھازىرغىچە خالىس مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈپ كەلدى.
ئازادنىڭ مەھەللىسىدە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان جاڭ سېن ئىسىملىك بىر بالا بولۇپ، ئوغلى باقىت بىلەن ياخشى دوستلاردىن ئىدى. 2005 – يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ئازادنىڭ ئوغلى باقىت مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن جاڭ سېننىڭ مەكتەپكە نەچچە كۈن كەلمىگەنلىكىنى، مۇئەللىمنىڭ ئۇنى چاقىرىپ كېلىشكە ئەۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئازاد ئوغلى بىلەن جاڭ سېننىڭ ئۆيىگە بارغاندىن كېيىن، جاڭ سېننىڭ مەكتەپتىن قاچمىغانلىقىنى بەلكى ئوقۇشتىن توختاپ قالغانلىقىنى بىلدى. جاڭ سېننىڭ ئاتا – ئانىسى ئىچكىرى ئۆلكىدىن يېڭى كەلگەن بولۇپ، خىزمىتى يوق ئىدى، ئۈچ جان كېسەك ئۆيدە تۇراتتى ھەم ئىشلەمچىلىك قىلىپ جان باقاتتى. كۆز ئالدىدىكى كۆرۈنۈشتىن ئازادنىڭ يۈرىكى ئېزىلدى، ئۇ جاڭ سېننى باغرىغا بېسىپ:
بالام، خاتىرجەم ئوقۇغىن، باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگىچە سېنىڭ كىتاب پۇلۇڭ، ئوقۇش پۇلۇڭنى مەن ئۈستۈمگە ئالىمەن، دېدى!
ئازادنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، جاڭ سېن ھەيران قالدى. جاڭ سېننىڭ ئاتا – ئانىسىمۇ قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەي قالدى. ئۇلار ئۆز كۆڭلىدە:
بۇ كىشى يا باي سودىگەرگە، يا چوڭ ئەمەلدارغا ئوخشىمىسا، بۇ چىقىمنى قانداق كۆتۈرە؟ ––– دەپ ئويلىدى.
ئازاد ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئەندىشىسىنى بىلگەندەك:
مۇنداق قىلايلى، بىز بىر كېلىشىمنامە تۈزەيلى، بالىڭىزنىڭ ئىشىغا مەن جەزمەن ئاتىدارچىلىق قىلىمەن.
ئازاد نەق مەيداندىلا جاڭ سېننىڭ ئاتا – ئانىسىغا جاڭ سېننىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىش توغرىسىدا كېلىشىمنامە يېزىپ بەردى. ئازاد شۇ كۈنى كەچتە ئۆيىدىن كارىۋات ئەكىلىپ، جاڭ سېنغا قويۇپ بەردى ھەم ئۇنىڭغا ئوقۇش قوراللىرى ئېلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن جاڭ سېننىڭ كىتاب پۇلى، ئوقۇش پۇلىنى ئازاد ئۈستىگە ئالدى. ھېيت – بايرامدا، ئۇ يەنە گۈرۈچ، ئۇن، مېۋە – چېۋە قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ جاڭ سېننى يوقلىدى ھەم جاڭ سېننىڭ ئوقۇش ئەھۋالىنى دائىم ئىگىلەپ تۇردى.
مېھىر – مۇھەببەتنىڭ ئۇرۇقى چېچىلسا، جەزمەن مېھىر – مۇھەببەتتىن مېۋە بېرىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان بۇ ئىككى ئائىلە كىشىلىرى، ئىككى ئوخشىمىغان مىللەتتىن تەركىب تاپقان ئائىلە ئۇرۇق – تۇغقاندەك ئۆتىدىغان بولدى. ئازاد جاڭ سېننى ئوغلىدەك كۆردى، جاڭ سېنمۇ ئازادنى ‹‹دادا›› دەپ چاقىرىدىغان بولدى.
ئازادنىڭ غەمخورلۇق قىلىشى بىلەن جاڭ سېننىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى كۈنسېرى ياخشىلاندى. جاڭ سېن 2007 – يىلى مەملىكەت بويىچە ئولىمپىك ماتېماتىكا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇ ھازىر تولۇقسىز ئوتتۇرىغا چىقتى ھەم سىنىپ باشلىقى بولدى.
نەچچە يىلدىن بېرى، پەقەت يەن پەنپەن بىلەن كىچىك جاڭ سېن، مەرھابا بىلەن ياقۇپجانلا ئەمەس ئۇلاردىن سىرت ئوندىن ئارتۇق بالا ئازادنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى.
مېھىر – شەپقەت ئۇنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇردى
فۇرۇڭلى شەرقىي رايونى ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى مىڭ خۈيجيېنىڭ بالىلار پارالىچ كېسىلى بولغاچقا، مېڭىشتا قىينىلاتتى. ئېرى ئىش ئورنىدىن قالغان بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە تايىنىپ جان باقاتتى. ئازاد 2005 – يىلى فۇرۇڭلى شەرقىي رايونى مەھەللىسىگە يۆتكىلىپ كەلگەندىن كىيىن، مىڭ خۈيجيېگە چامىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بەردى.
مىڭ خۈيجيېنىڭ مېڭىشتا قىينىلىدىغانلىقىنى كۆرگەندىن كىيىن، ئازاد شەھەرلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسىگە نەچچە قېتىم ئىلتىماس سۇنۇپ، مىڭ خۈيجيېگە 700نەچچە يۈەنلىك چاقلىق ئورۇندۇقتىن بىرنى ھەل قىلىپ بەردى ھەم ئۆزى پۇل خەجلەپ مىڭ خۈيجيېگە ھاسا ئېلىپ بەردى.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئازاد مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەھەللىدە مارجان كەشتىلەش كۇرسى ئاچتى ھەم مىڭ خۈيجيېنىڭ مارجان كەشتىلەشنى ئۆگىنىشىگە شارائىت يارىتىپ بەردى. ھازىر مىڭ خۈيجيې مارجاندىن ھەرخىل بۇيۇملارنى كەشتىلەشكە ئۇستا بولۇپ كەتتى ھەم بۇنىڭ بىلەن ھەر ئايدا نەچچە يۈز يۈەن كىرىم قىلىدىغان بولدى. بۇ يىل ئازاد ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ مەھەللىدە جۇڭگو تېبابىتى بويىچە ئۇۋۇلاش شىپاخانىسىدىن بىرنى ئېچىپ بەردى. مىڭ خۈيجيې ھاياجانلانغان ھالدا:
نەچچە يىل بۇرۇن تۇرمۇشۇم بەك غۇربەتچىلىكتە ئۆتەتتى، ئازادنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە ياردىمى بولمىغان بولسا، بۈگۈنكى كۈنگىمۇ ئېرىشەلمەيتتىم. شىپاخانام روناق تېپىپ قالسا، جەزمەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى تېخىمۇ ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ئۆتۈنۈپ بېرىمەن، – دېدى.
مىڭ خۈيجيېنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچى ئاشتى، ئۇ ھازىر بىكار بولۇپ قالسا، مارجاندىن ھەرخىل بۇيۇملارنى كەشتىلەپ كۈنلىرىنى مەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ.
ئازادنىڭ ئائىلىسى ئۇنچە بايمۇ ئەمەس، نەچچە يىلدىن بېرى ئۇ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى ۋە قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن 50مىڭ يۈەندىن ئارتۇق چىقىم قىلدى، مەيلى كىم ياردەمگە موھتاج بولسۇن، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەي ياردەم قىلدى. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئۇنى قوللىدى، بۇ ئازادنىڭ ئېتىقادىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.
مەن ئۆز تاللىشىمدا داۋاملىق چىڭ تۇرىمەن، قانچە كىشى ياردەمگە موھتاج بولسا، شۇنچە كىشىگە ياردەم بېرىپ، كىشىلىك ھاياتنى مېھىر – مۇھەببەتكە تولدۇرىمەن، – دېدى ئۇ.
|