باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
موتسكلىتنى سوقۇۋەتكەن ئاپتوموبىل شوپۇرى قېچىپ كەتتى
2008- 09- 10 09:24 تەڭرىتاغ تورى

       9 – سېنتەبر سائەت 10دىن 35مىنۇت ئۆتكەندە ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۇدۇڭخابا رايونىدا كىچىك تىپتىكى بىر يۈك ئاپتوموبىلى ئالدىدا كېتىۋاتقان بىر موتسكلىتنى سوقۇۋەتكەن ، موتسكلىت ھەيدىگۈچى نەق مەيداندا قازا قىلغان. ھادىسە تۇغدۇرغان شوپۇر قېچىپ كەتكەن .

      ئىگىلىنىشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىسمى ياڭ شىڭخۇا بولۇپ ، بۇ يىل 59ياش، تۇدۇڭخابا رايونى 1–ئاۋغۇست دېھقانچىلىق رايوندىكى 3–ئەترەتتە ئولتۇرىدىكەن . ھادىسە يۈزبەرگەندە ، ئۇ سىڭلىسىنىڭ يولدىشىنى موتسىكلىتنىڭ كەينىگە ئېلىپ كېتىۋاتقان ئىكەن. 

     ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچى بىر كىشى مۇنداق دېدى:‹‹ يۈك ئاپتوموبىلى يولدا بۇزۇلۇپ قېلىپ توختىتىپ قويۇلغان بىر ماشىنىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن بۇ موتسىكلىتنى سوقۇۋەتتى.››

     نۆۋەتتە ، ساقچى تەرەپ ۋەقە سادىر قىلىپ قېچىپ كەتكەن شوپۇرنى جىددى ئىزدەۋېتىپتۇ . 

 

( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ