باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايون ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ‹‹قوش ئون مۇنەۋۋەر ياش<قوش تىل> ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرى››سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى
2008- 09- 09 11:40 شىنجاڭ گېزىتى

  ۋاڭ لېچۈەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

ۋاڭ لېچۈەن ، نۇر بەكرى قاتارلىق رەھبەرلەر ‹‹قوش ئون مۇنەۋۋەر ياش<قوش تىل> ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرى›› كۆرۈشتى

   ئاپتونوم رايون 8 – سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن  24 – قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ‹‹قوش ئون مۇنەۋۋەر ياش<قوش تىل> ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرى›› سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نېي ۋېيگو، ياڭ گاڭ، فۇچياڭ، لى يى، بەي جىجېي، ئەركىنجان تۇراخۇن، جىن نو قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلار بۇ يىل 5 – ئايدا ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹قوش ئون مۇنەۋۋەر ياش >قوش تىل< ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرى››نى باھالاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇش خىزمىتىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ياش ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى، مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى تەقدىرلىگەن. مۇنەۋۋەر مۇسا، خۇا مىڭ قاتارلىق 20 ئوقۇتقۇچى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹قوش ئون مۇنەۋۋەر  >قوش تىل< ئوقۇتقۇچىسى›› ۋە ‹‹قوش ئون مۇنەۋۋەر >قۇش تىل< مائارىپ خىزمەتچىسى›› دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن.

   ۋاڭ لېچۈەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاكتىپ تۆھپە قوشۇۋاتقان ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىدىن بايراملىق سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلقنى رازى قىلىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ ياخشى باشقۇرۇش لازىم. توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئۈزلۈكسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە مۇستەھكەملەپ، شەھەر يېزىلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن ھەقسىز بەھرىمەن بولۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى ئىشلەش لازىم، كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئالىي مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز مائارىپنى ئاكتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ ئىشلىرىنى سىجىل، تېز، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىغا سېلىش لازىم . تارىخقا، جەمئىيەتكە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن ‹‹قوش تىل›› مائارىپى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش،  ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇش لازىم. ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى بىلەن رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى داۋاملىق ياخشى باشقۇرۇش لازىم.

   ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىي ۋە كەسپىي سەۋىيىسىنى ئۈستۈرۈشى، تىرىشىپ سانى تولۇق، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ساپاسى بىر قەدەر يۇقىرى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىشى لازىم. ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەربىيىلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، بولۇپمۇ ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپ قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. قىزغىنلىق بىلەن ئوقۇتقۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇش شارائىتىنى تىرىشىپ ياخشىلاش، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيىلىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىش لازىم.

   ۋاڭ لېچۈەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: يېڭى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەر ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرى تىرىشىپ، ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى دېگەن نامغا لايىقلىشىشى، ئىلىم – پەن بىلەن كاللىسىنى قوراللاندۇرۇشى، ئېتىقادىنى چىڭىتىشى لازىم. لاياقەتلىك خەلق ئوقۇتقۇچىلىرى ئالدى بىلەن چوقۇم بىر قەدەر يۇقىرى ئىدىيىۋى سىياسىي ساپا، مۇستەھكەم سىياسىي مەيدان ۋە توغرا سىياسىي يۆنىلىش ھازىرلىشى لازىم. پارتىيىنى، سوتسىيالىستىك ۋەتەننى سۆيۈشى، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيىلەشتىن ئىبارەت يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىشى، پارتىيىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇشى لازىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر تەرەپتىن تەرەققىي قىلىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ساپا مائارىپىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم، تىرىشىپ  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى، غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى لازىم. قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشى لازىم.

   ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىلى ما فېڭچياڭ، ۋاڭ جياڭيىڭ، پەرھاد ئىسمائىل، خۇاڭ مىڭ، مۇنەۋۋەر مۇسا قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى.


( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ