|
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرغۇنجان ئىمىن خەۋىرى ، فوتوسى : مارالبېشى ناھىيىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ناھىيە تەۋەلىكىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى ئەۋلاتلارنى تەربىيەلەش يولىدا جاپالىق قان- تەر ئاققۇزۇۋاتقان 2240 نەپەر ئايال ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى- خىزمەتچىنى تۈركۈملەرگە بۆلۈپ ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا ئەۋەرتىپ كەسپىي جەھەتتىن ۋە يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى بويىچە تەربىيىلەش ، قوشنا ناھىيە ، ۋىلايەت ، شەھەرلەرگە ئەۋەرتىپ ئېكىسكۇرىسيە ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ، تۈرلۈك كۇرۇسلارغا تەشكىللەش ، ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئوچۇق دەرس ئۆتۈش ، ‹‹ قوش تىل›› دا نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ، يېڭى دەۋىردىكى ئوقۇتۇش مىتودى ھەققىدە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، ناھىيە مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى.

سۈرەتتە: چوڭقۇرچاق يېزىسىدىكى ئايال ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش مىتودى ھەققىدە ئۆز- ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرماقتا
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرغۇنجان ئىمىن خەۋىرى ، فوتوسى : مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ ئاقساقمارال يېزىسى دېھقان- چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشى قىيىن بولۇش مەسىلىسنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۈچۈن ، يېزا مالىيىسىدىن 1 مىليون 600مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ ، 2246 كۋادىرات مېتىر كۆلەمگە ئىگە ، ئۈچ قەۋەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسى سېلىپ ، 8-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بەردى.

سۈرەتتە : يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدە ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسى
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرغۇنجان ئىمىن خەۋىرى ، فوتوسى : يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدە مارالبېشى ناھىيىسىدىكى 54مىڭدىن ئارتۇق ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دۆلەتنىڭ ‹‹ ئىككى كەچۈرۈم ، بىر تولۇقلىما ›› سىياسىتىدىن بەھرىمان بولۇپ ، 4مىليون 500مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى يېڭى دەرسلىك كىتاب ۋە ئوقۇش ماتېرىياللىرىغا ھەقسىز ئېرىشتى.

سۈرەتتە: يېڭى دەرىسلىك كىتابقا ھەقسىز ئىرىشكەن ئاقساقمارال يېزىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى.
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرغۇنجان ئىمىن خەۋىرى ، فوتوسى : مارالبېشى ناھىيىسى دېھقان- چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشتىن ئىلگىرىلا ‹‹ قوش تىل›› تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىپ ، ئۇلارنىڭ يېڭى دەۋىرگە لايىق ئىزباسارلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا ئاساس يارىتىش ئۈچۈن ، بۇ يىل 3-ئايدا ، جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ، ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىش ئارقىلىق ئىش كۈتۈپ تۇرغان ، شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن 342نەپەر ياشنى يېزا ، بازارلاردىكى 92بالىلار باغچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقى ۋە تەربىيىچىلىك خىزمىتىكە ئورۇنلاشتۇرۇپ ، بىر تەرەپتىن بالىلار باغچىلىرىغا ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىش كۈتۈپ تۇرغان ۋە ئىش ئورنىدىن قالغانلارنى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىمۇ ئىلگىرى سۈردى. ھازىر بالىلار باغچىلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلار دېھقان – چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئۇل سالىدىغان ئاساسىي تايانچ كۈچكە ئايلىنىپ ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشمەكتە.


سۈرەتتە: چوڭقۇرچاق يېزا گۈمبەز 28-كەنت بالىلار باغچىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار پەرزەنتلەرگە خەنزۇ تىلى ئۆگەتمەكتە
|