باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
كۆپ ئەرز قىلىنغان كارخانىلار‹‹خىجالەتچىلىك››تە قالىدىغان بولدى
2008- 09- 09 12:31 شىنجاڭ گېزىتى

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن ئىستېمالچىلاردىن ئەرز كۆپ كەلگەن كارخانا، كەسىپ، تاۋار ماركىسى، داڭلىق ماركىدىكى تاۋارلار جامائەتكە قەرەلسىز ئاشكارىلىنىدىكەن.

   ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئالدىنقى يېرىم يىلدا 6699 ئەرز قوبۇل قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە يان تېلېفون، تاماكا، ھاراق، ئاياغ، يېمەك – ئىچمەك، ھۆسن تۈزەش، ۋاسىتىچىلىك، ئۆي بېزەش، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى تۈرىدىكى ئەرزلەر كۆپ سالماقنى ئىگىلىدى. ئەرزلەرگە چېتىشلىق پۇل 5 مىليون197مىڭ يۈەن بولۇپ، ئىستېمالچىلار 2 مىليون84 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي زىياندىن ساقلاپ قېلىندى.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: يېقىندا، ‹‹12315››قوماندانلىق مەركىزىمىز ئاچقان ئەرز قىلىنغان كارخانىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش يىغىنىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كۆپ ئەرز قىلىنغان ئالدىنقى 30 كارخانا  ئۆزىنى تەكشۈردى ھەم باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرزىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئەرزنى ئازايتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز  كارخانىلارنىڭ كېيىن ‹‹خىجالەتچىلىك››تە قالماسلىقى، شۇنىڭدەك سودىسى، ئىناۋىتىگە تەسىر يەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئىستېمالچىلارغا تىجارەتتىكى مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئۇقتۇرۇشىنى، مال قايتۇرۇش ۋە مال ئالماشتۇرۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان زىددىيەت، ماجىرادىن ساقلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز .

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ