|
مۇشۇ ئاينڭ 6–كۈنى كەچتە، پاكىستان سايلام كومىتېتى زۇڭتۇڭ سايلىمى نەتىجىسىنى رەسمىي ئېلان قىلىپ، خەلق پارتىيىسىنىڭ بىرلەشمە رەئىسى زەردارىنىڭ پاكىستاننىڭ 11–نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولغانلىقىنى جاكارلىدى.
پاكىستان سايلام كومىتېتى ئېلان قىلغان سايلام نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، زەردالى 702 ئاۋازنىڭ 481 گە ئېرىشكەن بولۇپ، باشقا ئىككى نامزات ئايرىم ھالدا 153 ئاۋاز ۋە 44 ئاۋازغا ئېرىشكەن.
زەردارى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلبە قازانغاندىن كېيىن، پارلامېنتنىڭ قارارىغا بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، مۇشەررەف ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى. مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى (شېرىف مەزھىپى) دىكىلەر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقتى، پاكىستان سىياسىي سەھنىسى قالايمىقانچىلىقتا تۇرماقتا. يېڭى سايلانغان زۇڭتۇڭ بۇ قالايمىقانچىلىقنى تۈگىتەلەمدۇ– يوق؟ پارتىيىلەر ئارىسىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك تالاش–تارتىشتىن ساقلىنالامدۇ– يوق؟
زەردارىنىڭ غەلبە قازىنىشى بىلەن، خەلق پارتىيىسى زۇڭلى، پارلامېنت باشلىقى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئىگىلىگەندىن كېيىن يەنە بىر مۇھىم ۋەزىپىنى ئىگىلىدى. ئەمما، ئۇ پاكىستاننى يېتەكلەپ، نۆۋەتتىكى سىياسىي قالايمىقانچىلىقتىن قۇتۇلالامدۇ–يوق؟
9 يىل داۋام قىلغان مۇشەررەف ھاكىمىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، پاكىستان سىياسىي سەھنىسىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي پارتىيىلەر كۈرىشى باشلاندى.
پاكىستان سىياسىي سەھنىسىدىكى ئاساسىي ئېقىم بولغان خەلق پارتىيىسى بىلەن مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى (شېرىف مەزھىپى) ئوتتۇرىسىدا مەيلى سىياسىي پروگرامما، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيىسى بولسۇن ياكى سىياسەت جەھەتتە بولسۇن زور پەرقلەر بار بولۇپ، ئىلگىرى بۇ ئىككى پارتىيە ئوتتۇرىسىدا بىر قىسىم ئورتاقلىقلارنى تاپقىلى بولاتتى. بۇنىڭدىكى مەقسەد — مۇشەررەفنى تەختتىن چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ مەقسەدكە يېتىپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى پارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئاساسى ناھايىتى ئاجىز ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. مۇشەررەف تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان باش سودىيە ۋەزىپىسى توغرىسىدا ئېغىر ئىختىلاپ ساقلانغانلىقتىن، ئىككى پارتىيە ئوتتۇرىسىدا بۆلۈنۈش ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ قالدى. شېرىف مەزھىپىدىكىلەر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى. 8–ئاينىڭ 28–كۈنى نەشىردىن چىققان ‹‹ئىقتىسادشۇناسلار›› ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدا، ‹‹شېرىفنىڭ ئۆكتىچىلىك مەيدانى ئۇنى تېخىمۇ كۆپ قوللاشقا ئىگە قىلىشى مۇمكىن ›› ، دېيىلدى.
پاكىستاندىكى ئىككى چوڭ پارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش— پاكىستاندىكى 3–چوڭ پارتىيە بولغان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى داھىيلار مەزھىپىنى تالاشتا قويدى. چۈنكى، پارلامېنتتا ئىگىلىگەن ئورۇن سانىدىن قارىغاندا، داھىي مەزھىپىدىكىلەر كىم بىلەن ئىتتىپاق تۈزسە، شۇ سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشىنى بەلگىلىيەلەيدۇ. نۆۋەتتە، پارلامېنتتىكى 342 ئورۇن ئىچىدە، خەلق پارتىيىسى 124 ئورۇننى، مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى شېرىف مەزھىپى 91 ئورۇننى، مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى داھىيلار مەزھىپى 54 ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، بىر قىسىم تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى:‹‹ مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى داھىيلار مەزھىپىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بۆلۈنۈش ۋەزىيىتى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. مەسىلەن، پەنجاپ ئۆلكىلىك پارلامېنتتا، مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى داھىيلار مەزھىپىدىن بولغان 36 ئۆلكە دەرىجىلىك پارلامېنت ئەزاسى مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى شېرىف مەزھىپىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەگەر ئۇلار ئۆز- ئارا ھەمكارلىشىپ، ئىتتىپاق تۈزگىدەك بولسا، پەقەت 27 پارلامېنت ئەزاسىنى قولغا كەلتۈرسىلا يېرىم نىسبەتنى ئىگىلەپ، خەلق پارتىيىسىنى ئاغدۇرىۋېتەلەيدۇ ھەمدە يېڭى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ›› .
دۆلەتنى نورمال يولغا قايتۇرۇپ كىرەلەمدۇ–يوق؟
سىياسىي پارتىيىلەر كۈرىشىدىن باشقا، سايلامدىن كېيىنكى پاكىستان ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتە بىر قاتار مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ. بۇ، خەلق پارتىيىسى ئۈچۈن زور سىناق ھېساپلىنىدۇ.
‹‹ %10 لىك ئەپەندى›› دەپ ئاتالغان زەردارى ئىلگىرى پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەنگەن بولسىمۇ، كىشىلەر يەنىلا ئۇنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى قايتا گۈللەندۈرۈشى ھەمدە بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ياخشىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. نۆۋەتتە، پاكىستان دۆلەت ئىچىدىكى پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %25 ئەتراپىدا بولۇپ، پۇل قىممىتى تۆۋەنلەش، ئىشسىزلىق نىسبىتى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار ساقلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پاكىستان دۆلەت ئىچىدىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىمۇ ئۆزلۈكسىز ناچارلاشماقتا. بىر يىلدىن بۇيان، پاكىستاندا يۈز بەرگەن بومبا پارتلاش ۋە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھوجۇملىرى بىر مىڭ 200 گە يېقىن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. تالىبان قوراللىق كۈچلىرى غەربىي شىمالدىكى چېگرا رايوندا كۈچىنى زورايتماقتا. زۇڭتۇڭ سايلىمى ئېلىپ بېرىلغان كۈنى، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان پىشاۋور شەھىرىدە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھوجۇمى يۈز بېرىپ، 110 نەچچە ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
بۇنىڭدىن باشقا، پاكىستان يېڭى رەھبەرلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن قانداق شەكىلدە ھەمكارلىشىشى— پاكىستان سىياسىي ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ. ۋاشىنگتون تەرەپ ئىسلامئابادنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تالىبان ۋە بازا تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشىگە ھەمكارلىشىشىغا مۇھتاج بولىدۇ. ئەمما، ئامېرىكا تەرەپنىڭ پاكىستان تەرەپكە ئۆزلۈكسىز بېسىم ئىشلىتىشى، پاكىستان خەلقىنىڭ نارازىلىقى ۋە دىنىي رادىكال كۈچلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىنى قوزغىدى.
پاكىستان يېڭى رەھبەرلىرىنىڭ ھەربىي تەرەپ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىمۇ كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى قوزغايدۇ ئەلۋەتتە. چۈنكى، پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش تەجرىبىسى ۋە تەسىر كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. تەھلىلچىلەر،‹‹ ئەگەر پاكىستان ۋەزىيىتى كونتروللۇقىنى يوقاتسا، ھەربىي تەرەپ يەنە ھەركەت ئېلىپ بېرىپ ئارىلىشىشى مۇمكىن ››، دەپ قارىدى.
|