باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئارمىيىسى2011–يىلى ئىراقتىن چېكىنىپ چىقىدۇ
2008- 09- 09 12:16 شىنجاڭ گېزىتى

   ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىراقتىن قاچان ئەسكەر چېكىندۈرىدىغانلىقى ئامېرىكىدىكى قىزىق نۇقتا بولۇپلا قالماي، ئامېرىكا بىلەن ئىراق ئارىسىدىكى تالاش – تارتىشلىق مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. ئىراق دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى رېس بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، 22 – ئاۋغۇست: ئىككى تەرەپ كېلىشىم تۈزدۇق، ئامېرىكا ئارمىيىسى 2011 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىراقتىكى قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈپ كېتىدۇ، دېدى.

   فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراقنىڭ باش سۆھبەت ئەمەلدارى ھاجى ھامۇد 22 – ئاۋغۇست: ئامېرىكا بىلەن ئىراق 27 نۇقتىلىق كېلىشىم  تۈزدى، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بارلىق جەڭگىۋار قىسىملىرى كېلەر يىل 30 – ئىيۇنغىچە ئىراقتىكى شەھەر، بازارلاردىن چېكىنىدۇ، 2011 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىراقتىن تەلتۆكۈس چېكىنىپ چىقىپ كېتىدۇ، ھازىر سۆھبەت ئاخىرلاشتى، رەھبەرلەرنىڭ ئىمزا قويۇپ تەستىقلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز، دېگەن.

   ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى رېس 21 – ئاۋغۇست ئىراقتا زىيارەتتە بولغاندا مۇنداق دېگەن: ئىككى تەرەپنىڭ  كېلىشىمنى تاماملىشىغا ‹‹ئازلا قالدى››، بىراق ئاخىرقى لايىھە تېخى بېكىتىلمىدى.

   ب د ت نىڭ كۆپ دۆلەت قىسىملىرىنىڭ ئىراققا كىرىپ تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى بۇ يىل 31 – دېكابىر توشىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ كېلىشىم  ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىراقتا داۋاملىق تۇرۇشىدىكى قانۇنىي ئاساس بولۇپ قالىدۇ. ئىراق پارلامېنتىدىكى سۈننىيلەر رەھبىرى بايانات ئېلان قىلىپ: ئامېرىكا ئىراقتىكى شىئە ھۆكۈمىتى بىلەن تۈزگەن ھەر قانداق كېلىشىمگە تايىنىۋالماسلىقى كېرەك، دېدى. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ كېلىشىمىنى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇشىنى، ئاددىي ھالدا پارلامېنتنىڭ قارار چىقىرىشىغا تاپشۇرماسلىقىنى مۇراجىئەت قىلدى.

   ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تەخمىنەن 140 مىڭ ئەسكىرى بار ئىكەن. 2003 –  يىلى ئامېرىكا ئىراققا تاجاۋۇز قىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، 4145 ئامېرىكا ئەسكىرى ئىراقتىكى جەڭ مەيدانلىرىدا قازا قىپتۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ