باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
دېلوغا ئائىت يىپ ئۈچى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللاندى
2008- 09- 09 12:13 شىنجاڭ گېزىتى

    تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ جيايى 27 – ئاۋغۇست 2007 –  يىللىق مەركەزنىڭ خام چوت ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم – چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلغاندا: ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىسىدىن، مەركەزدىكى تارماقلارنىڭ خام چوت ئىجراسىدا، شۇ تارماقلاردا 29 مىليارد 379 مىليون يۈەندە، تارماققا قاراشلىق 17 مىليارد 70 مىليون يۈەندە مەسىلە بارلىقى بايقالدى، دېدى.

   ليۇ جيايى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل جەمئىي 53 تارماقتىكى 368 ئورۇن ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىندى. ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، مەركەز تارماقلىرىنىڭ خام چوتنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، مالىيىدىن ئاجرىتىلىدىغان خام چوتنىڭ  %97 ى ۋاقتىدا تەستىقلانغان، مالىيىدىن ئاجرىتىلىدىغان پۇلنى چىقىم قىلىشتا خام چوتنىڭ %100.5ى تاماملانغان. بۇ تارماقلار ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئۆز – ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، تۈرلۈك مەسىلىدىن 301نى بايقاپ، 549 مىليون يۈەنگە چېتىشلىق مەسىلىنى تۈزەتكەن.  

   بىراق، بۇ قېتىمقى ئىقتىسادىي تەپتىشتە مەركەزدىكى تارماقلاردا 29 مىليارد 379 مىليون يۈەندە مەسىلە بارلىقى بايقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە، باشقۇرۇش سىستېمىلىق بولماسلىق مەسىلىسى%98نى، قانۇن – بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى %2 نى، 2007 – يىلىدىكى يېڭى مەسىلە %59نى ئىگىلىگەن.

ئاساسلىق مەسىلىلەر:

   مائارىپ مىنىستىرلىكى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى قاتارلىق 28 تارماقنىڭ يىل بېشىدا مۇكەممەل، ئىنچىكە خام چوت قىلماسلىق ۋە ۋاقتىدا تەستىقلىماسلىق قاتارلىق مەسىلىگە چېتىشلىق سومما 17 مىليارد 498 مىليون بولغان.

   باج باش ئىدارىسى بىلەن رادىئو – تېلېۋىزىيە – كىنو باش ئىدارىسى قاتارلىق  ئىككى تارماق تۈرنى تەكرار ئىلتىماس قىلىش، ئىدارىنىڭ ئادەم سانىنى كۆپ مەلۇم قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، 38 مىليون يۈەن خام چوتنى ئارتۇق ئېلىۋالغان.

   ستاتىستىكا ئىدارىسى، سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى قاتارلىق 29 تارماق مالىيە مەبلىغى ۋە مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان باشقا مەبلەغ قاتارلىقلاردىن يۆتكەپ ئىشلەتكىنى 263 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

   سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى، نوپۇس، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قاتارلىق توققۇز تارماقنىڭ كىرىمنى ئاز ھېسابلاش، ساختا چىقىم قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ تۈتۈپ قالغان، يۆتكىگەن مەبلىغى 249 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

   سودا مىنىستىرلىكى، مالىيە مىنىستىرلىكى قاتارلىق 20 تارماقنىڭ خام چوت تۈزۈشى مۇۋاپىق بولماسلىق، تۈر ئىجرا سۈرئىتى ئاستا بولۇش قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن، 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرى 7 مىليارد 341 مىليون يۈەن مەبلەغ ئېشىپ قېلىپ، بۇ مەبلەغ شۇ يىلى رولىنى جارى قىلدۇرالمىغان.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىقتىسادىي تەپتىش ئارقىلىق تارماققا قاراشلىق ئورۇنلاردا 17 مىليارد 70 مىليون يۈەن پۇلدا مەسىلە بارلىقى بايقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە، باشقۇرۇش قېلىپلاشماسلىق مەسىلىسى% 76نى، قانۇن – بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى %23 نى، ئىسراپچىلىق  مەسىلىسى %1نى ئىگىلىگەن؛ 2007 – يىلى يۈز بەرگەن مەسىلە %12نى ئىگىلىگەن.

ئاساسلىق مەسىلىلەر:

   سۇچىلىق مىنىستىرلىكى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى قاتارلىق 15 تارماققا قاراشلىق 59 ئورۇندىكى خام چوت ئىنچىكە، مۇكەممەل بولماسلىق ۋە خام چوتنى ۋاقتىدا تەستىقلىماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىشلىق پۇل 981 مىليون يۈەن بولغان.

   يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق ئالتە تارماققا قاراشلىق سەككىز ئورۇندىكى تەكرار ئىلتىماس قىلىش، مالىيە خام چوت مەبلىغىنى كۆپ يوللاش قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىشلىق پۇل 15 مىليون 300 مىڭ يۈەن بولغان.

   مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى، مۇھاجىرلار ئىشخانىسى قاتارلىق 25 تارماققا قاراشلىق 71 ئورۇندىكى مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىش، تۈر چىقىمى دائىرىسىنى كېڭەيتىۋېتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق  يۆتكەپ ئىشلىتىلگەن مالىيە مەبلىغى 331 مىليون يۈەن بولغان.

   زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىكى، ئىلگىرىكى ئەمگەك كاپالەت مىنىستىرلىكى قاتارلىق 14 تارماققا قاراشلىق 30 ئورۇننىڭ كىرىمنى يوشۇرۇش، ساختا چىقىم قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تۇتۇپ قالغان، يۆتكىگەن مەبلىغى 309 مىليون يۈەن بولغان.

  رادىئو – تېلېۋىزىيە – كىنو باش ئىدارىسى، سەھىيە مىنىستىرلىكى قاتارلىق 12 تارماققا قاراشلىق 14 ئورۇننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئالغان ھەققى ياكى  بەلگىلىمە بويىچە  يۇقىرىغا تاپشۇرمىغان باجدىن سىرت كىرىمى  3 مىليارد 364 مىليون يۈەن بولغان.

  بۇ قېتىمقى ئىقتىسادىي تەپتىشتە ئىنتىزامغا خىلاپ دېلو يىپ ئۇچىدىن يەتتىسى ۋە دېلوغا چېتىشلىق 14 كىشى بايقىلىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلدى. ئىقتىسادىي تەپتىش جەريانىدا مەركەزدىكى تارماقلارنىڭ ئونى  3 مىليارد 735 مىليون يۈەنگە چېتىشلىق مەسىلىنى تۈزەتتى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ