|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى. ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلغاندا، يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتا يەنە ئاساسلىق ئىككى مەسىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بايقالدى.
ليۇ جيايى مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتا ساقلانغان ئاساسلىق مەسىلىنىڭ بىرى، بەزى جايلاردا كوللېكتىپ ياردەم پۇلى ۋە مالىيە تولۇقلىمىسىنىڭ كۆپ قىسمى كەنت كادىرلىرىغا بېرىلگەن. كوللېكتىپ ياردەم پۇلى بېرىلگەن 541 ناھىيىنىڭ 186 سى كوللېكتىپ ياردەم پۇلىنىڭ ھەممىسىنى كەنت كادىرلىرىغا بەرگەن؛ مالىيە تولۇقلىمىسى بېرىلگەن 200 ناھىيىنىڭ 72سى مالىيە تولۇقلىمىسىنىڭ ھەممىسىنى كەنت كادىرلىرىغا بەرگەن. يەنە بىرى، 2006 – يىلى، 1947 ناھىيىنىڭ 1484 سىدە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ھەر بىر دېھقان ئېرىشكەن كۈتۈنۈش پۇلى شۇ جايدىكى يېزا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولغان؛ يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش پۇلى ئالغان 3 مىليون 310 مىڭ دېھقان ئىچىدە، ئېرىشكەن ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش پۇلى شۇ جايدىكى يېزا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولغانلىرى%88نى ئىگىلىگەن، 1 مىليون 200 مىڭ كىشىنىڭ ھەر ئايدا ئالغان پۇلى ئون يۈەنگىمۇ يەتمىگەن بولۇپ، %36 نى ئىگىلىگەن.
|