باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ئېلىمىز مەمۇرلارنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش چارىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىدى
2008- 09- 09 12:10 شىنجاڭ گېزىتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ 2 – سېنتەبىر دۆلەت مەمۇرلار  ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالاقىدار تارماقلار مەمۇرلارنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش چارىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋېتىپتۇ ھەم تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ دائىرىسىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىش، ئۆستۈرۈش، ئالماشتۇرۇش، تەربىيىلەش، مائاش، باھالاش قاتارلىق تۈرلۈك باشقۇرۇش ھالقىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىكەن.

   ئىگىلىنىشىچە، مەمۇرلارنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى خىزمەت ئورنىنى باشقۇرۇش مەھكىمىسى مەسئۇل بولىدىكەن. خىزمەت مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: ج خ ئورگانلىرى، دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىدىكى كەسپىي تېخنىكا تۈرىدىكى مەمۇرلارنى باشقۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ خۇلاسىلەش، دۆلەت سودا  – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بىلەن باج باش ئىدارىسىنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈرىدىكى مەمۇرلارنى باشقۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈرىدىكى، كەسپىي تېخنىكا تۈرىدىكى مەمۇرلارنى باشقۇرۇش چارىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ تەييارلاپ، يىل ئاخىرىغىچە دەسلەپكى لايىھە شەكىللەندۈرۈشنى قولغا كەلتۈرۈش. ئاكسىيە نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمەت لايىھىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شاڭخەي شەھىرىنىڭ پۇدۇڭ يېڭى رايونى، شېنجېن شەھىرى، ۋېنجۇ شەھىرىنىڭ تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمىدىكى مەمۇرلارنى باشقۇرۇش چارىسىنى مۇزاكىرە قىلىش.

   مەمۇرلارنىڭ خىزمەت ئورنىنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇشتا مەمۇرلارنىڭ خىزمەت ئورنىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تۈرى، كەسپىي تېخنىكا تۈرى ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈرىگە كىرگۈزۈش ھەم ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى خىزمەت ئورنىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، يۈرۈشلۈك باشقۇرۇش تۈزۈمى تۈزۈپ، مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىش، ئۆستۈرۈش، ئالماشتۇرۇش، تەربىيىلەش، مائاش، باھالاش قاتارلىق تۈرلۈك باشقۇرۇش ھالقىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش نىشان قىلىنىدىكەن. شېنجېن شەھىرى 2006 – يىلىدىن باشلاپ، ج خ سىستېمىسىدىكى مەمۇرلارنى كەسىپلەشتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان بولۇپ، ھازىر خادىملارنىڭ خىزمەت ئورنىنى يۈرۈشلۈك يۆتكەش خىزمەتلىرىنى تاماملاپ بولغان. بۇلتۇر شېنجېن يەنە شەھەرلىك ۋە رايونلۇق ئورگانلاردىكى  30 ئىش ئورنىدا تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمىدىكى مەمۇرلار ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويغان،  تۇنجى تۈركۈمدىكى تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمىدىكى 41 مەمۇر ئىش ئورنىغا چىققان.

   بۇنىڭدىن سىرت، دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى يەنە خىزمەتكە تەيىنلەش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدىكەن. مەسىلەن، رىقابەت بىلەن ئىش ئورنىغا چىقىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، رىقابەت بىلەن ئىش ئورنىغا چىقىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يازما ئىمتىھان، يۈزتۇرا ئىمتىھام سوئال ئامبىرى قۇرۇش؛ مەمۇرلارنى تىزىملاپ ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ مەمۇرلارنى يۆتكەپ ۋەزىپىگە قويۇش ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەمۇرلارنى يۆتكەپ ۋەزىپىگە قويۇش شەرتى ۋە تەرتىپلىرى قاتارلىقلارنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، مەمۇرلار قوشۇنى قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش قاتارلىقلار.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ