|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى. 2007 – يىللىق مەركەزنىڭ خام چوتنى ئىجرا قىلىش ۋە باشقا مالىيە كىرىم – چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، دۆلەت يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش يېڭى مېخانىزمىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، خىراجەت يېتىشمەسلىك، مەبلەغنى يۆتكەپ ئىشلىتىش ۋە قالايمىقان ھەق ئېلىشتەك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت ئىكەن.
ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ جيايى 27 – ئاۋغۇست مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم 16 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) دە 2006 – يىلى ۋە 2007 – يىلى 1 – ئايدىن 6 – ئايغىچە بولغان يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن ھەق ئېلىش ئەھۋالى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىندى ھەم 54 ناھىيە (شەھەر، خوشۇن) نۇقتىلىق ئارىلاپ تەكشۈرۈلدى. ليۇ جيايى مۇنداق دېدى: ئۈچ ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) بەلگىلەنگەن نىسبەت بويىچە مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈرمەي، 108مىليون يۈەن ئۈلۈشنى ئاز ئۈستىگە ئالغان، بۇ سان ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك ئۈلۈشنىڭ %9ىنىلا ئىگىلىگەن؛ سەككىز ناھىيە 13مىليون 500مىڭ يۈەن ئۈلۈشنى ئاز ئۈستىگە ئالغان، بۇ سان ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك ئۈلۈشنىڭ %72ىنى ئىگىلىگەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەش ناھىيىنىڭ 2006 – يىللىق يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىگە سالغان مەبلىغى 2005 – يىلىدىكىدىن %13 ئازايغان. ئالتە ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر )نىڭ مالىيە، مائارىپ تارماقلىرى مەركەزنىڭ ‹‹ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش، بىرگە تولۇقلىما بېرىش›› توغرىسىدىكى 189مىليون يۈەنلىك مەخسۇس مەبلىغىنى توختىتىپ قويغان؛ 29 ناھىيىنىڭ مالىيە، مائارىپ تارماقلىرى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 110مىليون يۈەنلىك يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى مەخسۇس مەبلىغىنى توختىتىپ قويغان، بۇ ئوخشاش تۈردىكى خىراجەت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ % 45ىنى ئىگىلىگەن.
بەزى جايلارنىڭ مەبلەغنى ئىگىلىۋېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىش، قالايمىقان ھەق ئېلىش مەسىلىسى خېلىلا ئېغىر. 46 ناھىيىنىڭ مائارىپ، مالىيە تارماقلىرى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر جامائەت خىراجىتى، ياتاق، تۇرمۇش خىراجىتى قاتارلىقلاردىن 115 مىليون يۈەننى يۆتكەپ ئىشلىتىۋالغان. 33 ناھىيىدىكى مائارىپقا مەسئۇل تارماق ۋە مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا تۈر تۇرغۇزۇپ قالايمىقان ئالغان ھەق ياكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئېلىش ئېنىق چەكلەنگەن تۇرۇقلۇق يەنىلا ئالغان ھەققى 51مىليون 100مىڭ يۈەنگە يەتكەن.
|