|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى خەۋىرى. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى نيۇ دۇن 2 – سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە جۇڭگو يېزا ئىگىلىكىدە ئەزەلدىن 1مىليارد 300مىليون نوپۇسنىڭ تويۇنۇش مەسىلىسىنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ كەلگەن، بىز ھەرگىزمۇ ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغلاشمايمىز، دېدى.
نيۇدۇن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹ جۇڭگو – گېرمانىيە يېزا ئىگىلىك بىرلەشمە كومىتېتىنىڭ 3 – قېتىملىق يىغىنى ھەم جۇڭگو – گېرمانىيە يېزا ئىگىلىك كارخانىچىلىرى مۇنبىرى››دە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئاشلىق ۋە باشقا ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدا ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەشنى ئاساس قىلىشى كېرەك. بۇنى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى بەلگىلىگەن.
نيۇ دۇن مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ بىئو ماسسا – ئېنېرگىيىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش فاڭجېنى كۆممىقوناق، ياغلىقدان قاتارلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتىدىن ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان بىئو يېقىلىغۇسىنى قەتئىي كونترول قىلىش بىلەن بىللە، ‹‹ئادەمدىن ئاشلىق تالاشماسلىق، تېرىلغۇ يەرنى كېمەيتىۋەتمەسلىك›› تە چىڭ تۇرۇپ، شاخ – شۇمبا، ھايۋانات قىغى قاتارلىق يېزىلاردىكى تاشلاندۇقلاردىن پاتقاق گازى چىقىرىشتىن ئىبارەت.
‹‹جۇڭگو – گېرمانىيە يېزا ئىگىلىك بىرلەشمە كومىتېتى››نىڭ 3 – قېتىملىق يىغىنىدا ئىككى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى دوھا دېھقانچىلىق مەسىلىلىرى سۆھبىتى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە بىئو ئېنېرگىيىسى قاتارلىق خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى ھەم ئىككى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى مۇھاكىمە قىلدى.
گېرمانىيە يېمەكلىك، يېزا ئىگىلىك ھەم ئىستېمالچىلارنى قوغداش مىنىستىرلىكىدىكى دوكتور مېللېر گېرمانىيە جۇڭگو بىلەن WTO يېزا ئىگىلىك سۆھبىتى شۇنداقلا ئاشلىق بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىدا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ، دېدى.
‹‹جۇڭگو – گېرمانىيە يېزا ئىگىلىك بىرلەشمە كومىتېتى ›› 2006 – يىلى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈش ئۆمەكلىرى ئۆز ئارا زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى شۇنداقلا ئىقتىساد – سودا قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى.
|