|
.كورىيىنىڭ مەركىزى بانكىسى بولغان كورىيە بانكىسى 8 – سېنتەبىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە ، ئاساسلىقى كورىيە كارخانىلىرىنىڭ ئېكىسپورت تاشقى پېرېۋوت كىرىمىنىڭ كېمىيىپ كېتىشى شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ چەتئەل پۇلى ئامانىتىنى ئاجىرىتىپ ئىمپورت راسخوتىنى تۆلىگەنلىكى سەۋەبىدىن، 8– ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، كورىيە پۇقرالىرىنىڭ چەتئەل پۇلى ئامانەت قالدۇقى بىر ئاي ئىلگىرىكىدىن زور نىسبەتتە يەنى 2 مىليارد 110 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئازلاپ كەتكەن.
.ئافغانىستان ھۆكۈمىتى 8 – سېنتەبىر پايتەخت كابۇلدا مىللىي قەھرىمان مەسھۇد قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغانلىقىنىڭ 7 يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئافغانىستان زۇڭتۇڭى كارزايى سۆز قىلىپ، ئافغانىستاندىكى ھەر مىللەت ھەر قايسى گۇرۇھلارنىڭ ئاداۋەتنى تۈگىتىپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، دۆلەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى مۇراجەت قىلدى.
.ئافغانىستان ئەمەلدارى 8 – سېنتەبىر مۇنداق دېدى: ئافغانىستان پۇقرالىرى چۈشكەن بىر ئاپتوموبىل شۇ كۈنى بۇ دۆلەتنىڭ جەنۇبىي قىسىمدىكى جابۇل ئۆلكىىسدە مىناغا دەسسىۋېلىپ، 6 ئادەم ئۆلدى، 2 كىشى ئېغىر يارىلاندى.
.پاكىستان يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 8 – سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، بىر قانچە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان 8 – سېنتەبىر ئافغانىستان چېگرىسىغا يېقىن بولغان پاكىستان قەبىلە رايونىغا بىر قانچە باشقۇرىلىدىغان بومبا ئېتىپ، ئۈچ ئادەم قازا قىلىپ، ئون نەچچە ئادەم يارىلانغان.
.ياپونىيىنىڭ سابىق مۇداپىئە ۋەزىرى شياۋچى بەيخېزى 8 – سېنتەبىر توكيودا، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ لېدىرلىق رىقابەت سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى. ئۇ ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ باش ئىش بىجىرگۈچىسى ماشېڭ تەيلاڭ ۋە سابىق مۇداپىئە ۋەزىرى شىپوماۋدىن كىيىن 3–بولۇپ سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىشنى رەسمىي جاكارلىغان كىشى، شۇنداقلا ھازىرغىچە بۇ رىقابەت سايلىمىغا قاتنىشىشقا رەسمىي ئىپادە بىلدۈرگەن بىردىن–بىر ئايال، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيسىنىڭ يېڭى لېدىرى دۆلەت مەجلىسى ئارقىلىق سايلاپ چىقلىسا كېلەر نۆۋەتلىك باش ۋەزىرلىككە ئوڭايلا سايلىنالايدۇ.
.ۋيېتنام ‹‹ئاخبارات گېزىتى›› دە، 8 – سېنتەبىر ۋيېتنام پىلان، مەبلەغ سېلىش مەھكىمىسىنىڭ خەۋىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى:‹‹ ۋيېتنام يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆز كارخانىلىرىنىڭ چەتئەلگە مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىزچىل تۈردە كۈچ چىقارماقتا، نۆۋەتتە چەتئەلدىكى مەبلەغ سېلىش تۈرى 317 گە، مەبلەغ سوممىسى 2 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى›› .
ئىران زۇڭتۇڭى ئەھمىدى نىجاد يېقىندا مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىنى باشقا دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئىززەت – ئابرويىغا قىلىنغان خىرس دەپ ئەيىپلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:‹‹ ئامېرىكا ھەر قايسى جەھەتلەردە قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى ۋە ئۈزلۈكسىز مەغلۇپ بولماقتا، ئامېرىكا جاھانگىرلىرى ھالاكەتكە يۈزلەندى، ئامېرىكىنىڭ ئىدىيىسى، مەدەنىيىتى ۋە ئەخلاقىنىڭ ئەمدى جەلپ قىلىش كۈچى قالمىدى›› .
. تايلاند پادىشاھى بخۇمىبۇل ئادۇليادې 8 – سېنتەبىر بۇيرۇق ئىمزالاپ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مىنىستىرى شالونى تايلاندنىڭ يېڭى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىگە تەيىنلىدى. بۇ يىل 66 ياشقا كىرگەن شالو --- نوپۇزلۇق كەسپىي دىپلومات بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى تايلاننىڭ فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
|