|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى. دۆلەت تەرەققىيات، ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ جىشىن 27 – ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: ياخشى ۋەزىيەتتىمۇ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىدا دۇچ كەلگەن خىرىس ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان زىددىيەتلەرنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشىمىز كېرەك.
گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن جۇ جىشىن 27 – ئاۋغۇست 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنىدا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى.
جۇ جىشىن مۇنداق دېدى: ھازىر خەلقئارا مۇھىت ئىنتايىن كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، ئېنىقسىز ۋە تۇراقسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتىدۇ، ئۇلار ئېلىمىزغا داۋاملىق پاسسىپ تەسىركۆرسىتىدۇ.ئىچكى ئىقتىسادىي ھەرىكەتتە بەزى زىددىيەتلەرمۇ خېلىلا گەۋدىلىك بولۇپ قالدى.
1. مال باھاسىنىڭ ئۆسۈش بېسىمى كۈچىيىپ قالدى. ئالدىنقى يەتتە ئايدا ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسى % 7.7 ئۆرلىدى. كېيىنكى قەدەمدە مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە سەۋەب بولىدىغان ئامىللار يەنىلا كۆپ.
2. يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا توسقۇن بولىدىغان ئامىللار يەنىلا خېلى كۆپ. بۇ يىلقى ئېغىر تەبىئىي ئاپەتلەر سەۋەبىدىن بەزى رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھەسى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، كېيىنكى مەزگىللىك ھاۋا رايى ئەھۋالىدا يەنىلا نۇرغۇن ئېنىقسىز ئامىللار مەۋجۇت بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە كېسەل، ھاشارات زىيىنىنىڭ تەسىرى ۋە ھايۋانات يۇقۇم ئەھۋالىدىن كېلىپ چىقىدىغان خەۋپلەرگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.
3. ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىمىنى ئازايتىش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن. ئىككى يىلدىن بۇيان، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىمىنى ئازايتىشتا پائال ئىلگىرىلەش بولغان بولسىمۇ، بىراق ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلى ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا بىر قەدەر يىرىك بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ زىيادە ئېشىشىدا بايلىق سەرپىياتىغا تايىنىش ئەھۋالى تۈپتىن ئۆزگەرمىگەن.
4. بەزى كەسىپ ۋە كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتتە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. خەلقئارا بازاردا ئېھتىياج تۆۋەنلەپ، تەننەرخ ئۆرلەپ كەتكەچكە، بەزى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار بولۇپمۇ ئېكسپورتنى ئاساس قىلغان كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىدە بېسىم زورايماقتا.
ئۇنىڭدىن باشقا كىرىم تەقسىماتى، داۋالىنىش، سەھىيە، ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ساھەلەردىمۇ يۈكسەك ئېتىبار بېرىش ۋە ئەستايىدىل ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر مەۋجۇت.
|