باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
شىنجاڭ نېفىتچىلىرى ئويمانلىقتىن نېفىت تېپىپ دۇنيادىكى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى
2008- 09- 09 11:57 شىنجاڭ گېزىتى

 ‹‹موسوۋەن›› چارلاش 1–قۇدۇقىنى قازغانلار ئېلىمىزنىڭ قۇرۇقلۇقتا بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش رېكورتىنى يېڭىلىدى

   جۇڭگو نېفىتچىلىكى غەربىي رايون بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش شىركىتىدىن ئىگىلىنىشىچە: شىنجاڭ بۇرغىلاش ئىشچىلىرى دۆلىتىمىز ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان تۇنجى 9000 مېتىرلىق ئېلېكترلىك بۇرغىلاش ماشىنىسىنى ئىشلىتىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭغار ئويمانلىقىدا ئېلىمىزنىڭ قۇرۇقلۇقىدىكى  ئەڭ چوڭقۇرنېفىت قۇدۇقى  ‹‹موسوۋەن›› چارلاش 1 – قۇدۇقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بۇرغىلىدى.

   ‹‹موسوۋەن›› چارلاش 1 – قۇدۇقىنى بۇرغىلاش20  – ئىيول مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى، ئۇنىڭ قېزىلىشى جۇڭگونىڭ چوڭقۇر قۇدۇق بۇرغىلاش تېخنىكىسىنىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ قېتىمقى بۇرغىلاشتا ئېلىمىزنىڭ قۇرۇقلۇقتا نېفىت چارلاپ تەكشۈرۈشىدىكى ئالتە تۈرلۈك يېڭى بۇرغىلاش رېكورتى يارىتلدى.

   ‹‹موسوۋەن›› چارلاش 1 – قۇدۇقى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ مەركىزىدىكى موسوۋەنگە جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگو نېفىتچىلىك شىركىتىدىكىلەر جۇڭغار ئويمانلىقىدا قازىدىغان مۇھىم چارلاش قۇدۇقى، جۇڭگو نېفىتچىلىكىدە تارىختىن بۇيان سېلىنغان يەككە قۇدۇق مەبلىغى ئەڭ كۈپ بولغان چارلاش قۇدۇقى بولۇپ، سېلىنغان مەبلەغ 350 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ،ئۇ يەنە دۆلىتىمىز ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان تۇنجى 9000 مېتىرلىق ئېلېكترلىك بۇرغىلاش ماشىنىسى ئىشلىتىلىپ تەكشۈرۈلگەن قۇدۇق.

   ‹‹موسوۋەن›› چارلاش 1 – قۇدۇقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بۇرغىلىنىپ تەكشۈرۈلۈشى ئويمانلىقنىڭ مەركىزىي قىسمىدىكى چوڭقۇر قاتلامنىڭ ماي – گاز تەركىبىنى ئىگىلەش، جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى ماي – گازنى چارلاش –  ئېچىش رايونىنى كېڭەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ