باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
تۆمۈريول مىنىستىرلىكى شىنجاڭدىن 2 مىليون 930مىڭ توننا پاختا يۆتكىگەن
2008- 09- 09 11:56 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     تۆمۈريول مىنىستىرلىكىنىڭ دەسلەپكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2007 - يىلى سېنتەبردىن 2008 –يىلى ئاۋغۇستقىچە، تۆمۈريول مىنىستىرلىكى شىنجاڭدىن 2 مىليون 930مىڭ توننا پاختا يۆتكەپ، بۇلتۇرقىدىن 236مىڭ توننا كۆپ يۆتكىگەن ھەم %8.7 ئاشۇرغان،  پاختا يۆتكەش مىقدارى جەھەتتە يەنە بىر قېتىم ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە ياراتقان.

    بولۇپمۇ، بۇ يىل ئىيۇل ۋە ئاۋغۇست ئايلىرىدا، تۆمۈريول مىنىستىرلىكى تۈرلۈك چارىلارنى قوللىنىپ، شىنجاڭدىن جەمئىي 600 مىڭ توننا پاختا يۆتكەپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 410 مىڭ توننا كۆپ يۆتكىگەن. ئاۋغۇستتا، يەنە كۈنىگە 340 ۋاگونغا پاختا قاچىلاشتەك يېڭى رىكورت ياراتقان. 30 – ئاۋغۇستقىچە، ئىلگىرى بېسىلىپ قالغان 16 مىڭ توننا رەڭلىك پاختا بىلەن يېڭىدىن يىغىلغان 20 مىڭ توننا پاختىدىن سىرت، قالغان پاختىلارنىڭ ھەممىسىنى تولۇق يۆتكەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 31 – ئاۋغۇستتىن ئىلگىرى ئىسكىلاتتىكى پاختىنى تولۇق يۆتكەپ بولۇش ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بىر كۈن بۇرۇن تاماملىغان.

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ