باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
مەملىكەت خەۋەرلىرى
2008- 09- 09 11:50 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      .دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ 8 – سېنتەبىر دىۋيۈتەي دۆلەت مېھمانسارىيىدا بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى شۇنىڭدەك ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئېلىمىزگە كەلگەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ھەربىي سەپتىن چىكىنگەنلەر ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پىك ۋە ئېكۋاتورنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى مورىنو بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

     ·گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 8 – سېنتەبىر خەلق سارىيىدا بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى شۇنىڭدەك ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئېلىمىزگە كەلگەن كرودىيىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى كىسۇر بىلەن كۆرۈشتى.

     ·مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گو بوشيۇڭ 8  – سېنتەبىر 1–ئاۋغۇست بىناسىدا، بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن شېۋتىسارىيە دۆلەت مۇداپىئە، خەلق مۇداپىئە ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى شمىد بىلەن كۆرۈشتى.

     ·روسىيە بىرلىككە كەلگەن روسىيە پارتىيىسى، ئەزەربەيجان يېڭى ئەزەربەيجان پارتىيىسى ۋە قىرغىزىستان‹‹پارلاق يول›› پارتىيىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېىت تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيارۈي 8 – سېنتەبىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، يۇقارقى 3 دۆلەتتە زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى.

     ·جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ليۇ يەندوڭ مەملىكەتلىك مائارىپ سىستېمىسىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى ئىلغار كوللىكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوقۇتقۇچىلار مائارىپ سىستېمىسىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى ئىلغار تىپلارنىڭ ئىلغار ئىش پائالىيەتلىرىدىن چوڭقۇر ئۆگىنىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋرىدىكى خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىسىل پەزىلىتىنى يەنىمۇ نامايەن قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار ھۆرمەتلەيدىغان، خەلق رازى بولىدىغان ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك.

     ·8 – سېنتەبىر كەتچە بېيجىڭ ئىشچىلار تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن رۇداۋچە چېلىشىش مۇسابىقىسىدا ئېلىمىز ماھىرلىرىدىن ۋاڭ لىجېن بىلەن شۈ جىلىن ئايرىم–ئايرىم ھالدا ئاياللارنىڭ 57 كىلوگراملىقلار ئايرىمىسى ۋە ئەرلەرنىڭ 73 كىلوگراملىقلار ئايرىمىسى بويىچە ئالتۇن مېدال ۋە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.

     ·مۇخبىرنىڭ 8 – سېنتەبىر مالىيە مىنىستىرلىكىدىن ئىگىلىشىچە، ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى قوللاش ئۈچۈن،‹‹ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇش قەرز پۇلىغا مەركەزدىن ئۆسۈم ياردىمى بېرىشنى باشقۇرۇش چارىسى›› يېقىندا رەسمىي بېسىپ تارقىتىلغان بولۇپ، مەركەز مالىيىسىنىڭ ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇش قەرز پۇلىغا مەركەزدىن ئۆسۈم ياردىمى بېرىش سىياسىتى 2011– يىلى 12– ئاينىڭ 31– كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.

    ·سودا ئىشلىرى مىنىستىرى چېن دېمىڭ 8 – سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو– ياپونىيە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ 15– قېتىملىق بىرلەشمە يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ‹‹جۇڭگو–ياپونىيە ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى چوقۇم ياخشى بولۇپ، ئېنىرگىيە مەنبەسىنى تىجەش ۋە مۇھىت ئاسراش، ئوتتۇرا–كىچىك تىپتىكى كارخانىلار، ياساش كەسپىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق 4 چوڭ ساھەدىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى تېخىمۇ زور بولىدۇ›› .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ