باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
بېيجىڭ مېيىپلار ئو ت م سىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ماھىرلىرى رەسمىي مۇسابىقىگە چۈشۈشكە باشلىدى
2008- 09- 09 11:48 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     8 – سېنتەبر،  2008 – يىللىق بېيجىڭ مېيىپلار ئو ت م سىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ماھىرلىرى رەسمىي مۇسابىقىگە چۈشۈشكە باشلىدى.

     مۇخبىر كوماندا تەشكىللەپ، بېيجىڭ مېيىپلار ئو ت م سىغا قاتنىشىۋاتقان ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسى تەنتەربىيە جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى فەن لىشىننى تېلېفوندا زىيارەت قىلدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا تۇنجى بولۇپ مەيدانغا چۈشكەن شىنجاڭلىق ماھىر چېن لىپىڭ 8 – سېنتەبر ئاياللارنىڭ چويۇن توپ F54-56 دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىغا چۈشتى. ئۇ تۈنۈگۈنكى مۇسابىقىدا نورمال سەۋىيىسىنى جارى قىلدۇرغان بولسىمۇ، چەتئەللىك ماھىرلار بىلەن بولغان پەرق بەك چوڭ بولغاچقا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلمىدى، بۇ تۈر ئۇنىڭ ئۈستۈنلىككە ئىگە تۈرى ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستۈنلىككە ئىگە تۈرى 14 – سېنتەبر چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان نەيزە ئېتىش تۈرىدۇر. ھازىر شىنجاڭلىق بىر قانچە ماھىرنىڭ  روھىي ھالىتى ناھايىتى ياخشى، شىنجاڭلىق يىنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىغان ئۈچ تەنھەرىكەتچىنىڭ ئالتۇن مېدال ئېلىش ئەمەلىي كۈچى بار، ئالتۇن مېدال  ئالالامدۇ- يوق؟ ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ماھارىتىنى مۇسابىقە مەيدانىدا جارىي قىلدۇرۇشىغا قارايمىز.

    فەن لىشىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىن بۇ نۆۋەتلىك بېيجىڭ مېيىپلار ئو ت م سىغا قاتنىشىۋاتقان تۆت ماھىر مۇسابىقىگە تولۇق تەييارلىق كۆردى. ھازىر مېيىپلار ئو ت م سىغا قاتنىشىۋاتقان بىر قانچە يېنىك ئاتلېتىكا ماھىرىنى تەربىيىلەش ئۈچۈن ئاز دېگەندە يەتتە –سەككىز يىل ۋاقىت سەرپ قىلىندى، ئۇلار ئۇزاق مۇددەت توختىماي مەشق قىلدى. بېيجىڭ مېيىپلار ئو ت م دىن ئىلگىرى ئۇلار جياڭسۇنىڭ نەنجىڭدىكى يىنىك ئاتلېتىكا مەشق بازىسىدا ئىككى ئاي مەشق قىلدى، ئۇلار ئادەتتە مەشقنى بەك قاتتىق قىلدى، جېڭ ۋېيخەن ئىزچىل ئولتۇرۇپ، نەيزە ئېتىش مەشقى قىلغاچقا پۇتلىرى سۈركىلىپ زەخمىلەندى، مۇشۇ جەرياندا دورا ئىشلىتىشكە بولمىغاچقا، پەقەت ئاددىي ئۇسۇللار بىر تەرەپ قىلىندى.  ئۇلار بەك زور بەدەل تۆلىدى، بەك جاپا چەكتى.

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ