|
شىنجاڭ گېزىتخانىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان 2008 – يىللىق مەملىكەتلىك ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتىيە گېزىتلىرى باش مۇھەررىرلىرىنىڭ كېچىلىك ئىسمېنا خىزمىتى مۇھاكىمە يىغىنى 8 – سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. مەملىكەت بويىچە 26 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ئاپتونوم رايوندىن كەلگەن پارتىيە گېزىتلىرى ۋەكىللىرى ئاخبارات ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتى، كېچىلىك ئىسمېنا تەھرىرلىك خىزمىتى ۋە گېزىت بەتلىرىدە تىل ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر ئالماشتۇردى ۋە مۇزاكىرىلەشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يى يازما سۆز قىلدى. لى يى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرگە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ: جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، توغرا جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى پۇختا ئىگىلەش ھازىرئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە سېپىدىكى ئەڭ زور سىياسەت، ئەڭ قاتتىق قائىدە، ئەڭ تۈپ ۋەزىپە ، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە گېزىتى، ژۇرناللىرىنىڭ پارتىيىۋىلىك پرىنسىپى ۋە سىياسىي مەيداندا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە گېزىتى، ژۇرناللىرىنىڭ مەركەزنى چۆرىدەش، يېتەكچىلىكتە چىڭ تۇرۇش، ئومۇمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيىنىڭ نەزەرىيىدە يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، كادىرلار، ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان نەزەرىيە قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە مۇۋاپىق جاۋاب بېرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى كىشىلەر قەلبىگە كۈنسايىن سىڭدۈرۈشى ھەم ئۇنى ئىچكى جەھەتتە كىشىلەرنىڭ ئېتىقادىغا، تاشقى جەھەتتە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە، ئاخىرىدا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئىدىيە ئاساسىغا ئايلاندۇرۇشى؛ ‹‹ئۈچكە يېقىنلىشىش›› پرىنسىپىدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تەشۋىقاتنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، جەلپ قىلىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.
لى يى مەملىكىتىمىزدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتىيە گېزىتىلىرىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ پارتىيە گېزىتى قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.
شىنجاڭ گېزىتخانىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇھەررىر لياۋ يۈنجيەن يىغىندا قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى ھەم شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ ئاخبارات ئىسلاھاتى ۋە ئەمەلىيىتىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەت، تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇردى.
‹‹سەنشى گېزىتى››، ‹‹يۈننەن گېزىتى››، ‹‹ئازادلىق گېزىتى››، ‹‹چۇڭچىڭ گېزىتى››، ‹‹جەنۇب گېزىتى›› قاتارلىق ئۆلكە گېزىتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.
يىغىندا يەنە ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتىيە گېزىتلىرى كۆرسەتكەن بەت ۋە ئىلمىي ماقالىلەر سېلىشتۇرۇپ باھالاندى. گېزىتىمىز كۆرسەتكەن گېزىتىمىزنىڭ (خەنزۇچە) 2008 – يىلى 9 – ئاۋغۇست سانىنىڭ 1 – بېتى (ئاپتورلىرى: جاۋ يۈ، لياڭ ۋېي، جاڭ شىنلى)، 2008 – يىلى 19 – ماي سانىنىڭ يۈرۈشلۈك بېتى (ئاپتورلىرى: لياۋ يۈنجيەن، دۇ شىنگو، ليۇ شۈپىڭ، جۇ يۈ، خې جىن، ۋاڭ يۈ)، 2008 – يىلى 18 – ئىيۇن سانىنىڭ 1 – بېتى (ئاپتورلىرى: ۋاڭ دىڭگۈي، جاڭ ياپىڭ) 1 – ، 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ 2008 – يىلى 4 – مارت سانىنىڭ 4 – بېتى (ئاپتورلىرى: جاڭ جيەنپىڭ، ۋاڭ يۈ) 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ گېزىتىمىز كۆرسەتكەن ‹‹يېڭىلىق يارىتىش بىر پارچە ئوت›› قاتارلىق ئالتە پارچە ئىلمىي ماقالە 1 – ، 2 –، 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
|