|
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى 8 – سېنتەبىر ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇقلار سودا – سانائەت بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى لو جېڭۋېن ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇقلار ۋە جۇڭگو مۇھاجىرلىرى زىيارەت ئۆمىكىدىكى 50 كىشى بىلەن كۆرۈشتى.
ۋەكىللەر ئۆمىكى 2008 – يىللىق بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزغا ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتكە كەلگەن.
نۇر بەكرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ شىنجاڭنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى مۇھاجىرلارنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭدا كۆپرەك تەكشۈرۈپ، كۆپرەك تۇرۇپ، ھەمكارلىق پۇرسىتىنى ئىزدەپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاپتونوم رايونىمىز ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇقلار ۋە جۇڭگو مۇھاجىرلىرىغا تېخىمۇ ياخشى مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق مەنپەئەتلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ چىقىرىدۇ.
لو جېڭۋېن مۇنداق دېدى: ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇقلار ۋە جۇڭگو مۇھاجىرلىرى شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭغا پائال مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.
|