باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ۋاڭ لېچۈەن جۇڭگو نېفىت گۇرۇھىنىڭ رەھبىرى بىلەن كۆرۈشتى
2008- 09- 09 11:43 شىنجاڭ گېزىتى

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 8 – سېنتەبىر كەچتە، ئۈرۈمچى ‹‹تارىم›› مېھمانسارىيىدا جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لياۋ يۇڭيۈەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ساھىبخانا بىلەن مېھمانلار دوستانە سۆھبەتلەشتى.

   ۋاڭ لېچۈەن لياۋ يۇڭيۈەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ شىنجاڭغا كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ: جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى كۆپ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشتى، بۇ كارخانا شىنجاڭغا كەلگەن چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنىڭ گەۋدىلىك ۋەكىلى، دېدى. ۋاڭ لېچۈەن مېھمانلارغا شىنجاڭنىڭ كۆمۈر زاپىسى ۋە  ئۇنى ئېچىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ: شىنجاڭنىڭ كۆمۈر بايلىقى ناھايىتى مول، تەرەققىيات ئىستىقبالى ياخشى. بىز جۇڭگو نېفىت گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىدىن ماي، تەبىئىي گاز ئىشلەش قاتارلىق چوڭ تىپتىكى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپى ۋە كۆمۈر قاتلىمىدىكى گازنى ئېچىشقا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز، دېدى.

   لياۋ يۇڭيۈەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان جۇڭگو نېفىت گۇرۇھىنىڭ خىزمىتىنى زور دەرىجىدە قوللاپ، بىزنى شىنجاڭدا  نېفىت گاز ئېلىش، پىششىقلاش قاتارلىق ساھەلەردە ئوڭۇشلۇق تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.

   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ياڭ گاڭ، فۇ چياڭ، سۇڭ ئەيرۇڭ، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ۋاڭ يۇڭمىڭلار  كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ