|
ئاپتونوم رايون دەرىجلىك تايانچ ئوقۇتقۇچى ئامىنە قادىر توغرىسىدا
ئابدۇشۈكۈر راشىدىن
بۇنىڭدىن 18 يىل مۇقەددىم ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش مۇنبىرىدە كەلگۈسىنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزلىرى بولغان بوغۇنلارغا ئىلىم تەھسىل قىلىدىغان بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى. ئەمما ، ئارزۇ بىلەن رىئاللىق ئولتۇرىسىدىكى غەيرىي تاناسىبلىق مۇناسىۋەت شىنجاڭ مالىيە سودا مەكتىپىنىڭ ئېلېكتىرلەشكەن بوغالتىرلىق ۋە بازار تىجارىتى كەسپىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن بىر سەبىي قىزنى ئىقتىساد ساھەسىگە ئەمەس، ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت جاپالىق ، ئەمما ، ئۇلۇغ ساھەگە باشلاپ كىردى. تەقدىرنىڭ چاقچىقى ئارقىلىق بۇ ساھەگە قەدەم بېسىپ قېلىشنى ئۆزىمۇ خىيال قىلىپ باقمىغان ھالدا شەرەپ ۋە تۆھپىلەرگە نائىل بولغان ، بۇ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى دەل پوسكام ناھىيە تۇغچى يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى، باشلانغۇچ 1- دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىسى ، پارتىيە ئەزاسى، ئاپتونوم رايون دەرىجلىك تايانچ ئوقۇتقۇچى ئامىنە قادىردۇر.

ئامىنە قادىر مۇنبەردە
ئامىنە قادىر ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىكە تەقسىم قىلىنغاندا ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن ئىدى . ئۇ ، ناھىيىدىن 10 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان تۇغچى يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا ، بىر كېچىنى كۆز يۇمماي ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ كاللىسىنى ئوخشىمىغان بىر كەسىپنى پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچى قانداقسىگە ئوقۇتقۇچىلىقنى قاملاشتۇرالىسۇن ، ناۋادا دەرسلەرنى ياخشى بېرەلمىسەم نە ئار- نە نومۇس دېگەن خىياللار چىرمىۋالغانىدى . ئاخىرى ئۇ ، تەقدىر پىشانەمگە پۈتۈلگىنى مۇشۇنداق ئوخشايدۇ ، ‹‹ قىيىن ئىش يوق ئالەمدە ، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە ›› ، قېنى ئۆزۈمنى بىر سىناپ باقمايمەنمۇ دېگەن ئىرادىگە كېلىپ ، باشقىلارنىڭ يېتەكلىشى بىلەن پۇختا تەييارلىق قىلىپ ، 1- سائەتلىك دەرسكە كىردى. قانداقتۇر ئۇ مۇنبەرگە چىقىپ‹‹ ساۋاقداشلار ياخشىمۇسىلەر››دېگەن بىرىنچى ئېغىز سۆزنى ئېغىزىدىن چىقىرىشى بىلەن يۈرىكى باشقىچىلا سېلىپ كەتتى. دەرۋەقە ئوماق ۋە سەبىي بالىلارنىڭ ئۈمىدلىك كۆزلىرى ۋە تاتلىق تەبەسسۇملىرى شۇ دەقىقىلەردە ئۇنىڭ قەلبىگە ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ رەشىك ئوتىنى تۇتاشتۇرغانىدى. بىر مەزگىللىك ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتى قەلبىگە نۇرغۇن ئارزۇ –ئارمانلارنى پۈككەن كىچىككىنە قىز ئامىنە قادىرنىڭ قەلبىدە نۇرغۇن سۇئاللارنى ئويغاتتى. بۇ مەكتەپنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئوقۇ- ئوقۇتۇش شارائىتى ۋە سۈپىتى يامان ئەمەس بولسىمۇ ، كۆزلىرىدىن ئۈمىد يىلىنجاب تۇرىدىغان دېھقان پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسىگە دادىللىق بىلەن يۈزلىنىپ ، ئۆزلىرىنىڭ بەخت يۇلتۇزلىرىنى تېپىۋېلىشىغا زۆرۈر بولغان ئىمكانىيەتلىرى يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ۋە مائارىپى تەرەققىي قىلغان ئۈرۈمچىدە ئۈچ يىل ئوقۇغان ۋە تەرەققىيات مەنزىرلىرىدىن كۆزى خىلىلا ئېچىلىپ قالغان ئامىنە قادىر دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ ، بۇ مەكتەپتە تۇنجى قېتىم ‹‹ قوش تىل›› تەجرىبە سىنىپىدىن بىرنى تەسىس قىلىش تەكلىپىنى بەردى. ئۇنىڭ بۇ تەكلىپى مەكتەپ مەسئۇللىرى ۋە ئاتا- ئانىلارنىڭ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشىپ ، ئۇنىڭ نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە شۇ يىلى بۇ مەكتەپ ‹‹ قوش تىل›› تەجرىبە سىنىپىنى تەسىس قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى ئارتۇقچىلىقلىرىغا ئاساسەن بۇ سىنىپنىڭ سىنىپ مۇدىرلىقى ۋە خەنزۇ تىلى ۋە ماتېماتىكا دەرس ئوقۇتقۇچىلىقىنى ئۈستىگە ئالدى. ‹‹ ئاتقا مىنگەشمە ، مىنگەشكەنسەن ۋاي دېمە›› . ئۇ سىنىپ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن ، ئۆزى تېرىغان بۇ ئىشنىڭ ياخشى نەتىجىسنى چىقىرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ قېتىرقىنىپ ئەتراپلىق تەييارلىق قىلدى ، تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى ئۆگەندى. ئۇ يەنە ئۆزىگە خاس يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، ھېچقانداق ئىلغار ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆزى قول تىقىپ بىر قاتار ئوقۇتۇش قوراللىرى، سۈرەت ، مودىل ، سايىلاندۇرۇش ئۇسۇلى ۋە ئۇنئالغۇ قاتارلىقلارنى تەييارلاپ ، بىر قەدەر ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە جانلىق ۋە يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، ئوقۇغۇچلارنىڭ كۆرۈش، ئاڭلاش، يېزىش، سۆزلەش ۋە دادىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارىنى تېزدىن يېتىلدۈرۈشكە ئاساس سالدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ ، كىچىك گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ ، دائىم ئۇلارنى ئۆئارا مۇھاكىمە ، مۇزاكىرىگە ئۇيۇشتۇرۇپ ، رىقابەتنى كۈچەيتتى. بۇ خىل ئازادە ئۆگىنىش مۇھىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقىنى قوزغاپ ، ئۇلارنىڭ تېز مۇددەت ئىچىدە بۇ خىل ئوقۇتۇشقا ماسلىشىپ كېتىشىگە ئاساس بولدى. ‹‹ بىر چى قېلىنلىقىتىكى مۇز بىر كېچىدىلا قاتقان ئەمەس›› . ئامىنە قادىر تۇنجى قارار قوبۇل قىلغان ‹‹ قوش تىل ›› تەجرىبە سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ھېچانداق ئوقۇتۇش تەجرىبىسى بولمىغان ئەھۋالدا يېتەكلەپ ، يۇقىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقىدەك مۇشۇنداق ئەھۋالغا يەتكۈزگىچە ، ئاز بولمىغان جاپالارنى تارتتى. بۇ جەرياندا ئۇ بارلىق ۋاقتىنى ۋە زېھنىنى بالىلارغا ئاتىغان بولۇپ ، ھېيت- بايرام، دەم ئېلىش ھەتتا تەتىل كۈنلىرىنىمۇ بالىلارنى يېتەكلەش بىلەن ئۆتكۈزدى . ئۆ سىنىپىدىكى بالىلارنىڭ كۈنسېرى يېتىلىۋاتقانلىقىغا قارىغىنىدا ، چەككەن جاپالىرىنى ئۇنۇتۇپ ، ھاردۇقى چىقىپ قالاتتى. ئوقۇتقۇچىنىڭ خۇشاللىقى ۋە بەختى دەل ئۆزى تەربىيىلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىدە . ئامىنە قادىرنىڭ تۇنجى قارار سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ۋاقتى دەل ، ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى قېتىم رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتىنى تۈزۈپ يولغا قويغان ۋاقىتقا توغرا كەلدى . بۇنىڭ بىلەن ئامىنە قادىرنىڭ سىنىپىدىن بەش نەپەر ئوقۇغۇچى يۇقىرى ۋە ئەلا نەتىجە بىلەن بۇ مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىپ ، ناھىيە مەسئۇللىرى ، كەسىپداشلار ۋە ئاتا- ئانىلارنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ خەنزۇ تىلى ۋە ماتېماتىكىدىن ئۆتكەن ئوچۇق دەرسى ۋە ئوقۇتۇش تەجرىبىسى ناھىيە رەھبەرلىرى ۋە كەسىپداشلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ، ئۇنىڭ ئوقۇتۇش تەجرىبىسى ناھىيە بويىچە ھەرقايسى مەكتەپلەرگە كېڭەيتىلدى. شۇنىڭدىن بۇيان ، ئۇ تەربىيىلىگەن ‹‹ قوش تىل›› كەسپىي سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 57 نەپەر ئوقۇغۇچىسى رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى. ئۇ مەسئۇللۇقنى ئۈستىگە ئالغان سىنىپ ئەلا نەتىجىلەر بىلەن ناھىيە بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى ۋە مەكتەپ بويىچە ئۇدا ئۈچ يىل ئىلغار سىنىپ كوللېكتىپى بولۇپ باھالاندى . ئامىنە قادىرنىڭ يۇقىرىقىدەك تىرىشچانلىقى بەدىلىگە كەلگەن بۇ نەتىجىلىرىدىن مەمنۇن بولغان تەشكىل ئۇنىڭ ئەجرىگە مۇناسىپ تۆھپە بېرىپ ، مۇكاپاتلىدى. ئۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم مەكتەپ ، يېزا ۋە ناھىيە بويىچە ‹‹ ئىلغار ئوقۇتقۇچى ›› ، ‹‹ ئىلغار سىنىپ مۇدىرى›› ، ‹‹ قوش تىل ئوقۇتۇشىدىكى ئىلغار›› دېگەن شەرەپلەرگە نائىل بولغاندىن باشقا ، 2004 –ۋە 2007– يىللىرى ۋىلايەت بويىچە ‹‹ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى›› ، 2004 - ۋە 2007- يىللىرى ئايرىم –ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تايانچ ئوقۇتقۇچى›› دېگەن شەرەپكە نائىل بولۇش بىلەن بىرگە ئاپتونوم رايون بويىچە تايانچ ئوقۇتقۇچىلار ئامبىرىغا كىرگۈزۈلدى . ئۇ يەنە بۇ يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك 10 مۇنەۋۋەر ياش ،‹‹ قوش تىل ›› ئوقۇتقۇچىسى ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى باھالاشقا كۆرسىتىلگەن نامزاتلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

سۈرەتتە : ئامىنە قادىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوش تىل ئۆگىنىشى يېتەكچىلىك قىلماقتا

سۈرەتتە:ئامىنە قادىر كەسىپداشلىرى بىلەن ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرماقتا
|