|
جەنۇپتىن كەلگەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرى تۈپەيلى، ئاپتونوم رايونىمىزدا كەڭ دائىرىلىك ھۆل – يېغىنلىق، تۆۋەن تېمپىراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى، بۈگۈندىن ئېتىبارەن، جايلاردا تېمپېراتۇرا تەدرىجى ئۆرلەيدۇ.
قوش دەم ئېلىش كۈنىدە ياغقان يامغۇر بىلەن، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ رايونىدا ئۇدا ئىككى ھەپتە داۋاملاشقان ئوچۇق ھاۋارايى كۈنى ئاياغلاشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر قىسىم جايلاردا تېمپېراتۇرا 10 سېلسىيە گرادۇس تۆۋەنلىدى. شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى ليۇ خۇييۈن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ھاۋارايى ئۆزگىرىشىدە ھۆل – يېغىن ئاساس قىلىندى، تەڭرىتاغنىڭ غەربىي ۋە ئوتتۇرا قىسىمى شۇنىڭدەك ئىككى تەرىپىدە ھۆل – يېغىن مىقدارى زور بولدى، تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى، كېچە بىلەن ئەتىگەننىڭ تېمپېراتۇرىسى سەل تۆۋەن بولدى، شىمالىي شىنجاڭ تەڭرىتاغ بويلىرىدا تېمپېراتۇرا 7 سېلسىيە گرادۇستىن 10 سېلسىيە گرادۇسقىچە تۆۋەنلىدى.
كۈز پەسىلدە كىلىماتتا كۆپ ئۆزگىرىش بولىدۇ، بۇ قېتىمقى ھۆل يېغىنلىق ھاۋارايىدىن كىيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا تەدرىجى ئۆرلەيدۇ، ليۇ خۇييۈن مۇنداق دېدى: مۆلچەرلىنىشچە، تۈنۈگۈن كېچە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھۆل – يېغىنلىق ھاۋارايى كۈنى ئاياغلىشىدۇ، شەرقىي شىنجاڭ رايونىدا يەنە ئازراق ھۆل – يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، 9 – سېنتەبردىن 14 – سېنتەبرگىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ، تېمپېراتۇرا داۋاملىق ئۆرلەيدۇ.
ھازىر دەل پاختا تېرىش مەزگىلى، ھۆل- يېغىنلىق ھاۋارايى— ئاپتونوم رايونىمىزدا كېۋەزنىڭ ئۆسۈشى ۋە پاختا تېرىش ئىشلىرىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ليۇخۇييۈن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: دېھقان –چارۋىچىلار پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئېتىز – ئېرىق پەرۋىشىنى ياخشى ئىشلەپ، بىر قەدەر ئۇزۇن بولىدىغان ياخشى ھاۋارايىدىن تولۇق پايدىلىنىپ پاختا تېرىش پىلانىنى ئوبدان يولغا قويۇشى كېرەك. سەھەردە تېمپېراتۇرا سەل تۆۋەن بولىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ئەتىگەن ۋە كەچتە قېلىنراق كىيىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
|