|
يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا ئىقتىسادى ئىككىلەمچى كرېدىت كىرىزىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس ساقلاش كومىتېتى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۇدا تۆۋەنلەتكەنلىكتىن، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىدە سىجىل تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. ئەمما، بۇ يىل 7–ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىدە كۆرۈنەرلىك ئېشىش بولۇپ، ياۋرو بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ باھا سېلىشتۇرمىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندىكى بىردە 1.6دىن تۆۋەنلەپ نۆۋەتتىكى بىردە 1.5 كە چۈشۈپ قالدى.
خەلقئارا بازاردىكى نېفىت باھاسىنىڭ زور نىسبەتتە تۆۋەنلىشىنىڭ تەسىرىدە، مۇشۇ ئاينىڭ 22–كۈنى، نيۇيورك تاشقى پېرېۋوت بازىرى توختىغان ۋاقىتتا، ياۋرو بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ باھا سېلىشتۇرمىسى بىردە 1.4775دە توختاپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكى بىردە 1.4877دىن تۆۋەن بولدى .
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى:‹‹نۆۋەتتە، ئامېرىكا قاتارلىق ئاساسىي ئىقتىسادى گەۋدىلەر ئېغىر سىناقلارغا دۈچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىر قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ تەدرىجىي ھالدا قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا. بۇ، ئامېرىكا دوللىرى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان قايتا ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولغان ئاساسلىق ئامىل ھېساپلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس ساقلاش كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى قىسقا مەزگىل ئىچىدە توختىتىشى؛ ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى ئاشۇرۇشىنى توختىتىشىدىن ئۈمىد كۈتمەكتە. بۇمۇ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ياۋرو ئوتتۇرىسىدىكى باھا سېلىشتۇرمىسىنىڭ قايتا ئۆرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ قالغۇسى›› .
ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان ‹‹پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى›› دە تەھلىلچى فىئونا رېكنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: ‹‹يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيانقى بىر قاتار سانلىق ماتېرىياللارغا قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادى ۋەزىيىتى كۈنسېرى نورماللاشماقتا. بۇ خىل نورماللىشىش قەدىمى ناھايىتى ئاستا بولسىمۇ، بۇ، ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىنىڭ نۆۋەتتىكى قايتا ئېشىشىدىكى تۈپ سەۋەپ ھېساپلىنىدۇ›› .
ئامېرىكا سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىكى 7–ئاينىڭ 31– كۈنى ئېلان قىلغان دەسلەپكى ئىستاتىستىكا نەتىجىسىگە قارىغاندا، بۇ يىل 2–پەسىلدە، ئامېرىكا ئىقتىسادى يىللىق نىسبەت بويىچە ھېساپلىغاندا %1.9 ئاشقان. سانلىق ماتېرىياللارغا قارىغاندا، بۇ يىل 2– پەسىلدە، ئامېرىكا ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تېز بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ — ئېكىسپورتنىڭ تېز ئېشىشى ۋە ئىستېمال چىقىمىنىڭ ئېشىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ يىل 2– پەسىلدە، ئامېرىكا ئېكىسپورت مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %9.2 بولۇپ، 1– پەسىلدىكى %5.1 لىك ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولغان.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستاتىستىكا ئىدارىسى مۇشۇ ئاينىڭ 14–كۈنى ئېلان قىلغان دەسلەپكى ئىستاتىستىكا نەتىجىسىگە قارىغاندا، بۇ يىل 2– پەسىلدە، ياۋرو رايونىنىڭ ئىقتىسادى 1–پەسىلدىكىدىن %0.2 تۆۋەنلىگەن بولۇپ، بۇ، 1995– يىلدىن باشلاپ بۇ توغرىسىدا ئىستاتىستىكا ئېلىپ بېرىلغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق تۆۋەنلەش ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋرو رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە بولغان گېرمانىيە ئىقتىسادىنىڭ ئايلانما نىسبىتى %0.5 تۆۋەنلىگەن بولۇپ، باشقا ئىككى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە بولغان فرانسىيە بىلەن ئىتالىيە ئىقتىسادىنىڭ ئايلانما نىسبىتى %0.3 تۆۋەنلىگەن.
ئامېرىكا ۋە ياۋرو رايونىنڭ ئىقتىسادىدا ئامېرىكا دوللىرى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ قايتا ئۆرلىشىگە پايدىلىق بولغان ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن باشقا، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس ساقلاش كومىتېتى ۋە ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پېرېۋوت نىسبىتىگە بولغان ئوخشاش بولمىغان ئۈمىدىمۇ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ياۋروغا بولغان باھا سېلىشتۇرمىسىنىڭ ئۆرلىشىدىكى مۇھىم ئامىلغا ئايلاندى.
بۇلتۇر 9– ئاينىڭ 18–كۈنىدىن بۇ يىل 4– ئاينىڭ 30– كۈنىگىچە، ئىككىلەمچى كرېدىت كىرىزىسىنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىنى چېكىنىش ھالىتىگە ئېلىپ كىرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس ساقلاش كومىتېتى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۇدا 7 قېتىم تۆۋەنلىتىپ، فېدېراتسىيە فوندىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى %5.25 تىن %2 كە چۈشۈردى. ئەمما، شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىدىكى پۇل پاخاللىق بېسىمى ئارتىپ كەتكەنلىكتىن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس ساقلاش كومىتېتى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى توختاتتى. نۆۋەتتە، جامائەتچىلىك ‹‹ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس ساقلاش كومىتېتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ھەپتىلىكى ئاخىرلاشقان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن كېيىنكى قىسقا مەزگىل ئىچىدە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس ساقلاش كومىتېتى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىملىشىشى ۋە پۇل پاخاللىقى بېسىمىنىڭ ئارتىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس ساقلاش كومىتېتى ئۆسۈم نىسبىتىنى يەنە يۇقىرى كۆتۈرۈشىمۇ مۇمكىن›› ، دەپ قارىماقتا.
ياۋرو رايونى جەھەتتە، 2005– يىلى 12–ئايدىن بۇلتۇر 6– ئايغىچە، ياۋروپا مەركىزى بانكىسى پۇل پاخاللىقىنى توسۇش ئۈچۈن، ئۆسۈم نىسبىتىنى ئىلگىرى– كېيىن بولۇپ 8 قېتىم يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ياۋرو رايونىدىكى يېتەكچى ئۆسۈم نىسبىتىنى %2 تىن %4 كە كۆتۈردى. بۇنىڭدىن كېيىن، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى ياۋرو رايونىدىكى يېتەكچى ئۆسۈم نىسبىتىنى بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيىدە ساقلاپ كەلدى ھەمدە بۇ يىل 7–ئايدا، ياۋرو رايونىدىكى يېتەكچى ئۆسۈم نىسبىتىنى %4.25 كە يەتكۈزدى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ‹‹ بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە فوندىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ياۋرو رايونىدىكى يېتەكچى ئۆسۈم نىسبىتىدىن تۆۋەن بولدى. بۇ، ياۋرو بىلەن ئامېرىكا دوللىرى ئوتتۇرىسىدىكى باھا سېلىشتۇرمىسىدا رېكورت يارىتىلىشقا تۈرتكە بولغان ئاساسىي سەۋەپ بولدى. ئەمما، ياۋرو رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى ۋەزىيىتى چېكىنىش خەۋپىگە دۈچ كەلگەنلىكتىن، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ قىسقا مەزگىل ئىچىدە، ئۆسۈم نىسبىتىنى داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈشى تەسكە چۈشۈشى مۇمكىن. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس ساقلاش كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىشىمۇ تەس. مۇشۇ سەۋەپتىن، ئامېرىكا بىلەن ياۋرو رايونىدىكى ئۆسۈم نىسبىتى سىياسىتى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ياۋرو ئوتتۇرىسىدىكى باھا نىسبىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ›› .
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ تەسىرى بارغانسېرى گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغان ئىپادىسى—ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىنىڭ ئېشىشى بازاردىكى تەۋەككۈلچىلىك دولقۇنىنى توسۇپ، نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. نۆۋەتتە، نيۇيورك بازىرىدىكى ھەر باك ئۆلچەملىك خام نېفىتنىڭ قەرەللىك مال باھاسى 114 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ، 7–ئاينىڭ 11– كۈنى يارىتىلغان 147.27 ئامېرىكا دوللىرىلىق يۇقىرى باھاغا سېلىشتۇرغاندا، تەخمىنەن %20 تۆۋەنلىدى. خام نېفىتتىن باشقا، ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىنىڭ ئېشىشى يەنە ئاشلىق ۋە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان باشقا تاۋارلارنىڭ باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇ، پۈتۈن دۇنيا دائىرىسىدە پۇل پاخاللىقى بېسىمىنى يىنىكلىتىشكە پايدىلىق.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى:‹‹ئامېرىكا دوللىرى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى توغرىسىدا يەنىلا ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي يۈزلىنىشى ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس ساقلاش كومىتېتى بىلەن ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى سىياسىتى قاتارلىق ئامىللارغا قاراشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەگەر ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى تەدرىجىي ياخشىلىنىپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس ساقلاش كومىتېتى بۇنىڭغا ماس بولغان ئۆسۈم نىسبىتى سىياسىتىنى قوللانسا، ئامېرىكا دوللىرى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشىدىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، ئامېرىكا دوللىرى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ قايتا ئۆرلەش ۋەزىيىتى توسالغۇغا ئۇچرىشى مۇمكىن›› .
|