|
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 7 – سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق دېدى: ‹‹مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئېنېرگىيە بايلىقىغا بولغان ئېھتىياج كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ. شىنجاڭ ئېنېرگىيە بايلىقى مەركەزلەشكەن رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن قىممەتلىك تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كۆمۈر قاتارلىق ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى ئېچىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئىستراتېگىيىلىك راۋاجلاندۇرۇشىغا پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك››.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، ياڭ گاڭ، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، بەي جىجيې، دەي گۇڭشىڭ، ۋاڭ يۇڭمىڭ، ليۇ يەنلياڭ قاتارلىقلار سۆھبەتكە قاتناشتى.
دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى تەرەققىيات – پىلان مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جياڭ بىڭ شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى، شىنجاڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيىسىدىكى ئورنى، ئىستراتېگىيىلىك تەسەۋۋۇر ۋە نىشان قاتارلىق مەزمۇنلار بويىچە شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.
ۋاڭ لېچۈەن دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ‹‹شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى مول، سۈپىتى ۋە ئېچىش شارائىتى ياخشى. غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ كۆمۈر قاتارلىق ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى ئېچىش ۋە پايدىلىنىشنى تېزلەتتى، بولۇپمۇ گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يەنىمۇ تېزلىتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر قاتارلىق ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ئۆستى››.
ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق كۆرسەتتى: مول كۆمۈر بايلىقى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى يېڭىچە سانائەتلىشىش مۇساپىسىدە ئەڭ جەلپكار ۋە ئەڭ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئەۋزەل بايلىققا ئايلاندى، ھازىر شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار، ئىلى، قۇمۇل، كۇچا – بايدىن ئىبارەت تۆت چوڭ كۆمۈر بازىسى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈش قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرمىللەت خەلققە بەخت يارىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
|