باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
شەۋكەت ئىمىن چەت ئەلدە ئوقۇغانلارنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنى ھەم ياخشى، ھەم تېز راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى
2008- 09- 08 12:05 شىنجاڭ گېزىتى

    شىنجاڭ چەت ئەلدە ئوقۇغانلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى، شىنجاڭ ياۋروپا – ئامېرىكىدا ئوقۇغان ساۋاقداشلار جەمئىيىتىنىڭ يىللىق يىغىنى ۋە ئىلىم – پەن مۇنبىرى 6 – سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ياۋروپا – ئامېرىكىدا ئوقۇغان ساۋاقداشلار جەمئىيىتى، جۇڭگو چەت ئەلدە ئوقۇغانلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ يىللىق يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

   شەۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: ‹‹چەت ئەلدە ئوقۇغانلار ئاپتونوم رايونىمىز ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى چەت ئەلدە ئوقۇغانلار خىزمىتىگە يېقىندىن ئەھمىيەت بېرىپ، چەت ئەلدە ئوقۇغانلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە پايدىلىق سىياسەت، تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، ئۇلارنىڭ بىلىمدە يېڭىلىق يارىتىش، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. شىنجاڭ بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى چەت ئەلدە ئوقۇغانلارنىڭ ئىختىساسلىقلار جەم بولۇش، ئەقىل – پاراسەت مەركەزلىشىش، ئالاقە دائىرىسى كەڭ بولۇش ئارتۇقچىلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ  سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش، ئەقىل – پاراسەت  كىرگۈزۈش سەھنىسى بەرپا قىلىشىغا پائال ماسلىشىپ، 11 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تاماملاشقا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنى ھەم ياخشى، ھەم تېز راۋاجلاندۇرۇشىغا خىزمەت قىلىشى كېرەك››.  

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ