|
خەلقئارا ئىقتىسادى مۇھىتنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، يېقىندىن بۇيان فرانسىيە ئىقتىسادىدا پاسسىپ ئېشىش ئەھۋالى كۆرۈلدى. فرانسىيە دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ۋە ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان باھالاش دوكلاتىغا قارىغاندا، بۇ يىل 2– پەسىلدە، فرانسىيىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %0.3 تۆۋەنلىگەن بولۇپ، مەبلەغ سېلىش ۋە ئېكىسپورت ئومۇمىي سوممىسى ئايرىم ھالدا %1.5 ۋە %2 تۆەنلىگەن. بۇ، 2002–يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، فرانسىيىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىشى بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، فرانسىيە زۇڭلىسى فىللون دەم ئېلىشىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرۇپ پارىژغا قايتىپ كەلدى ھەمدە مىنىستىرلار بىلەن جىددىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.
فىللون مۇنداق دېدى: ‹‹يەر شارى ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل 2– پەسىلدە، فرانسىيە ئىقتىسادىدا پاسسىپ ئېشىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈشى كىشىنى ھەيران قالدۇرمايدۇ. ئەمما، بۇنىڭلىق بىلەن فرانسىيە ئىقتىسادى چېكىنىشكە باشلىدى دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. ئادەتتىكى ئېنىقلىما بويىچە بولغاندا، ئىقتىسادتا ئۇدا 2 پەسىل پاسسىپ ئېشىش بولغاندىلا چېكىندى دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما، بۇ يىل 1–پەسىلدە، فرانسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %0.4 بولدى. ‹‹ئىقتىساد چېكىندى›› دېيىش ئاقىلانىلىق ھېساپلانمايدۇ. دۇنيا ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىنىڭ تەسىرىدە، فرانسىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىللىق ئېشىش نىسبىتى %1تىن ئاران ئېشىشى ھەمدە ھۆكۈمەت ئالدىن مۆلچەرلىگەن %2.25 لىك ئېشىش نىسبىتىدىن تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن›› .
فىللون مۇنداق دەپ قارىدى: ‹‹بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە ئاي ئىچىدە، فرانسىيە ئىقتىسادى داۋاملىق قىيىن ئەھۋالدا تۇرۇشى مۇمكىن. لېكىن ھەل قىلىش چارىسى— ‹‹دۆلەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش پىلانى›› نى تۈزۈش بولماستىن، بەلكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك››. فىللون يەنە مۇنداق دېدى: ‹‹ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش— ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي نىشانى بولۇپ، فرانسىيە ئىقتىسادىنى قايتىدىن رىقابەت كۈچىگە ئىگە قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى ھېساپلىنىدۇ›› . بۇنىڭدىن باشقا، ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئوبزور ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: ‹‹ئىقتىساد كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقان ئەھۋالدا، ھۆكۈمەت مالىيە جەھەتتە ئارىلىشىشتا زور رول ئوينىيالمايدۇ. شۇڭلاشقا، ‹‹ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش لايىھىسى›› ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ئىلھام بېرىش مۇمكىن بولمايدۇ›› .
فىللون يەنە ھۆكۈمەتنىڭ كۈز پەسىللىك خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ ‹‹ئىقتىسادنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قانۇنى›› نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ مەمۇرىي رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قەرز پۇلغا ئېرىشىشىگە قولايلىق يارىتىپ، كارخانىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش؛ ئىشچى– خىزمەتچىلەرگە دارامەت تەقسىم قىلىپ بېرىش قاتارلىق قانۇن لايىھىلىرىنى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىپ ۋە ماقۇللاپ، جەمئىيەتتىكى تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ سېتىۋېلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە قاتناش تولۇقلىمىسى قاتارلىق پاراۋانلىق تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى .
فرانسىيىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىچكى–تاشقى ئىقتىسادى مۇھىتىغا ئاساسەن، بىر قىسىم ئىقتىسادشۇناسلار مۇنداق دەپ قارىدى: ‹‹ كېيىنكى يېرىم يىلدا، دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنىڭ زور نىسبەتتە ئېشىشىدىن ئۈمىد يوق بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتى %1 ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن›› . ئەمما، يەنە بىر قىسىم تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ‹‹فرانسىيە ئىقتىسادىنىڭ يۈزلىنىشىدىن زىيادە غەم قىلىش ھاجەتسىز. يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان، نېفىت باھاسى ۋە خام ماتېرىيال باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن ئىبارەت پايدىلىق ئامىل بار بولۇپ، بۇ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قايتا تۇرغۇزۇشىغا ھەمدە پۇل پاخاللىقى بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق. ياۋرو بىلەن ئامېرىكا دوللىرى ئايرىۋاشلاش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىمۇ فرانسىيىنىڭ ئېكىسپورت ئىشلىرىغا پايدىلىق بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىقتىساتنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ›› .
فرانسىيە ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان يەنە بىر پايدىسىز ئامىل—ياۋرو رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك چېكىنىشىدىن ئىبارەت. بۇ يىل 2– پەسىلدە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئېرىلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلدى. بۇ يىل 7–ئايدا، ياۋرو رايونىدىكى پۇل پاخاللىقى نىسبىتى يەنىلا %4 لىك يۇقىرى سەۋىيىدە بولدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇشۇ نۆۋەتلىك رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، فرانسىيە ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ماس ھالدا ھەركەت ئېلىپ بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ ئۆزلۈكسىز تۆۋەنلەش ھالىتىنى بىرلىكتە ئۆزگەرتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى مۇشۇ ئاينىڭ 12–، 13–كۈنلىرى فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان نېس شەھىرىدە يىغىن ئۆتكۈزىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە، ئۇلار ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتلىمىدا تۇرۇپ تەدبىر قوللىنىپ، ئىقتىسادى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ. فىللون مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ‹‹ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادى جەھەتتە بىرلىككە كېلىپ بولدى، ياۋرو رايونىدىمۇ بىرلىككە كەلگەن پۇل ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. مۇشۇ سەۋەپتىن، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاش ۋەزىيىتىگە قارىتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەر قايسى دۆلەتلەر بىرلىككە كەلگەن لايىھىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى ھەمدە پائال تەدبىر قوللىنىشى كېرەك›› .
|