باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
دۆلەت يولى 314 – لىنىيىسىنىڭ كورلىدىن كۇچاغىچە بولغان تېز سۈرئەتلىك تاشيول بۆلىكىدىكى ئىككى توختام بۆلىكىدە قۇرۇلۇش باشلىنىپ بولدى
2008- 09- 08 11:57 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     دۆلەت يولى 314 – لىنىيىسىنىڭ كورلىدىن كۇچاغىچە بولغان تېز سۈرئەتلىك تاشيول بۆلىكىدىكى ئىككى توختام بۆلىكىدە قۇرۇلۇش باشلىنىپ بولدى. ئاۋغۇستنىڭ باشلىرى ئومۇمىي لىنىيە بويىچە قۇرۇلۇشى باشلانغان بۇ يول 2011 – يىلى پۈتۈپ، قاتناش باشلىنىشى مۇمكىن. خوتەن بىلەن كۇچانى تۇتاشتۇرىدىغان دۆلەت يولى 217 – لىنىيىسىنىڭ كۇچادىن شايارغىچە بولغان بۆلىكىنى ئۇزارتىش قۇرۇلۇشى يېقىندا پۈتتى. كورلا – ئاقسۇ تۆمۈر يولىنىڭ 2 – لىنىيە قۇرۇلۇشى بۇ يىل باشلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، كۇچا، توقسۇ، ئاقسۇ بۆلەكلىرىدىكى قۇرۇلۇش كېلەر يىلى رەسمىي باشلىنىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولغان كۇچا ناھىيىسىنىڭ قاتناش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى يەنىمۇ كۈچەيمەكتە.

     كۇچا ناھىيىسى — جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى مۇھىم قاتناش يولى بولۇپ، دۆلەت يولى 314 – لىنىيىسى پۈتۈن ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. دۆلەت يولى 217 – لىنىيىسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىنى تۇتاشتۇرىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى ناھىيە بازىرىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، نېفىت ۋە كۆمۈر توشۇشقا ئىشلىتىلىدىغان تۆمۈر يول مەخسۇس لىنىيىسىنى تۇتاشتۇرىدۇ. خەلق ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى ئۈرۈمچى بىلەن بىۋاستە تۇتىشىدۇ.  كۇچا ناھىيىسى—جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەش ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاۋىئاتسىيە، تۆمۈر يول، تاشيولنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يولۇچى ۋە مال توشۇشتىكى مۇھىم تۈگۈنگە ئايلىنىپ، شەرقتىن كىرگۈزۈپ، غەربكە چىقىرىش، جەنۇبىي بىلەن بىرلىشىپ، شىمالغا كېڭەيتىشتىكى جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىككە ئىگە بولدى.

     ھەممە تەرەپكە تۇتاشقان قاتناش تورى كۇچا ناھىيىسى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشقا جايلىرىنى تۇتاشتۇردى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: ‹‹جۇغراپىيە، قاتناش ۋە سۇ جەھەتتە تۇتىشىدىغان، مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ – ئادەت جەھەتتە ئوخشاش بولغان كۇچا، شايار، توقسۇ، باي قاتارلىق جايلار چوڭ كۇچا ئىقتىساد چەمبىرىكىنى شۇنداقلا جەنۇپتا خوتەن بىلەن، شىمالدا تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي يانباغرىدىكى ئىقتىسادىي بەلباغ بىلەن، غەربتە ئاقسۇ، قەشقەر بىلەن، شەرقتە كورلا بىلەن تۇتىشىدىغان چوڭ قاتناش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەڭرىتاغ تەرىپىدىن ئايرىۋېتىلگەن ئىككى ئىقتىسادىي گەۋدىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى، كۈيتۈن، كورلىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەنە بىر مۇھىم قاتناش تۈگۈنىگە ئايلانغۇسى.

    چوڭ قاتناشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، چوڭ تور بەرپا قىلىش، چوڭ ماددىي ئەشيا ئوبوروتىنى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىستىراتېگىيىلىك تەسەۋۋۇرغا ئاساسەن، كۇچا ناھىيىسى يېز تاشيول قۇرۇلۇشىنى—خەلقنى بېيىتىپ، ناھىيىنى كۈچلەندۈرۈشتىكى مۇھىم ئورۇنغا قويدى. ھازىر، ‹‹ھەممە كەنتلەرگە تاشيول تۇتاشتۇرۇش›› قۇرۇلۇشى—ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 150 كىلومېتىر كېلىدىغان تارىم يېزىسىدىكى دىھقانلارنى نەپكە ئېرىشتۈردى. بۇ يىل، كۇچا ناھىيىسىدىن ئۆتىدىغان دۆلەت يولى 31 – لىنىيىسىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسىدىن ئالاقاغا بازىرىغىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى. بۇ— لىنىيە بويلىرىدىكى يېزا – بازار، كەنتلەر ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

     تۆمۈر يول، تاشيول، خەلق ئاۋىئاتسىيىسى ۋە يېزا تاشيوللىرىنىڭ راۋانلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاقسۇ خۇاجىڭ خىمىيىۋى ئوغۇت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى تارىم شۆبە شىركىتى، گودىيەن كۇچا ئوت ئېلىكتىر ئىستانسىسى ئوقبۇلاق كۆمۈر كېنى قاتارلىق زور بىرتۈركۈمدىكى چوڭ كارخانا ۋە چوڭ تۈرلەر كۇچا ناھىيىسىگە ئورۇنلاشتى. نۆۋەتتە، كۇچا ناھىيىسىدە كۆمۈر، نېفىت، ساياھەت، ئېلىكتىر ئېنىرگىيە، بىناكارلىق ماتېرىياللىرى، يېزا ئىگىلىكىنى كەسپلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئالتە چوڭ كەسپ زەنجىرى شەكىللىنىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلاردىن 40 نەچچىنى جەلپ قىلدى ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت – خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ساقلاش – توشۇش بازىسى قۇرۇلدى. بۇلتۇر، كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 4 مىليارد 130 مىليون يۈەنگە، يەرلىك مالىيە كىرىمى 1 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەرلىك مالىيە كىرىمى 1 مىليارد يۈەندىن ئاشقان تۇنجى ناھىيىگە ئايلاندى.

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ