|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. سېنتەبىردىكى بېيجىڭنىڭ ھاۋاسى كىشىگە ئارام بەخش ئېتەتتى. دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 6 – سېنتەبىر چۈشتە ‹‹خەلق›› سارىيىدا داغدۇغىلىق زىياپەت بېرىپ، بېيجىڭ 2008 – يىللىق مېيىپلەر ئو ت م گە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلارنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن قارشى ئالدى. خۇ جىنتاۋ قەدەھ سۆزىدە مۇنداق دېدى: ھەرقايسى ئەللەرنىڭ مېيىپ تەنھەرىكەتچىلىرى مېيىپلەر ئو ت م گە قاتنىشىش ئارقىلىق ئىززەت – ھۆرمىتى، ئىشەنچى، قەيسەرلىكى، مۇستەقىللىقىنى نامايان قىلىپ، خۇشاللىق، دوستلۇق، غايە، ئۇتۇقتىن بەھرىمەن بولۇپ، ئۆز – ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، ھاياتنىڭ قىممىتىنى يارىتىش مەقسىتىگە يېتىدۇ. خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك ھەرىكىتى مېيىپلەر ۋە بېجىرىم كىشىلەرنى دۇنيا چوڭ ئائىلىسىدە ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ئىجتىمائىي ھوقۇق – مەنپەئەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئىناق دۇنيانى ئورتاق بەرپا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگو، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چاڭچۈن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې گوچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ يۇڭكاڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى، رەئىس خۇ جىنتاۋنىڭ رەپىقىسى ليۇ يۇڭچىڭ، خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى كراۋېن، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئۆمۈرلۈك پەخرىي رەئىسى سامارانچ قاتارلىقلار قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.
رەئىس خۇ جىنتاۋ ۋە رەپىقىسى ليۇ يۇڭچىڭ 11دىن 40مىنۇت ئۆتكەندە، ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ شەرقىي چوڭ زالىدا بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن خەلقئارالىق 48 ئەزىز مېھمان ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرىنى كۈتۈۋېلىپ، بىرمۇ بىر كۆرۈشۈپ ئەھۋال سورىدى.
كۈتۈۋېلىش زىياپىتى سائەت 11دىن 50مىنۇت ئۆتكەندە قارشى ئېلىش مۇزىكىسى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. خۇ جىنتاۋ قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە ‹‹خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلىكتە گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلايلى››، دېگەن تېمىدا قەدەھ سۆزى قىلدى.
خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: 20 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدا 1 – نۆۋەتلىك مېيىپلەر ئو ت م ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، مېيىپلەر ئو ت م ئىنسانلارنىڭ چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى كۈچەيتىدىغان، دۇنيانىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم مەدەنىيەت، تەنھەرىكەت مۇراسىمىغا ئايلاندى. بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م گە 140 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 4000 دىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى قاتنىشىدۇ، بۇ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مېيىپلەر تەنھەرىكەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.
خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: مېيىپلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. جۇڭگودا 83 مىليون مېيىپ بار. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ئەزەلدىن مېيىپلەر ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئادەمنى ئاساس قىلىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باراۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇپ، ئاجىزلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىپ كەلدى. بىز بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مېيىپلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇق قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن يۈكسەلدۈرۈپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقىدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتۇق. بىز بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م نى ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىپ، مېيىپلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلارغا باراۋەر قاتنىشىشىغا، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.
خۇ جىنتاۋ يەنە مۇنداق دېدى: ‹‹ئورتاق دۇنيا، ئورتاق ئارزۇ›› بېيجىڭ ئو ت م، مېيىپلەر ئو ت م نىڭ ئورتاق شوئارى. بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى مېيىپ دوستلارنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى كۈچەيتىدىغان سەھنە بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت ئىشلىرى ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقلارنى قالدۇرىدۇ. بىز بىرلىكتە دۇنيا مېيىپلەر ئىشلىرىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشايلى.
پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.
|