باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
خەلقئارا تېز خەۋەرلەر
2008- 09- 08 11:49 شىنجاڭ گېزىتى

   . گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى 5 – سېنتەبىر ئېلان قىلغان ‹‹جۇڭگو مېيىپلەر ئو ت م دە يەنە كۆزنى چاقنىتىشقا تەييارلاندى›› ماۋزۇلۇق ماقالىدە ‹‹بېيجىڭ يەنە ئو ت م كەيپىياتىغا تولدى، بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م  يەنە دەبدەبىلىك باشلىنىش مۇراسىمى بىلەن باشلىنىدۇ››، دېيىلدى.

  . ئامېرىكا ‹‹لوس – ئانژېلېس ۋاقىت گېزىتى››دىكى 5 – سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان ماقالىدە بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م گە تەييارلىق قىلىش خىزمەتلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ھۆكۈمەت مېيىپلەرگە قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بادالىڭدىكى سەددىچىن سېپىلىغىمۇ لىفت ئورنىتىپ، يانتۇ يول ياسىدى.

   .  دەسلەپكى بېلەت ستاتىستىكا نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، پاكىستان ‹‹خەلق›› پارتىيىسى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى زەردالى 6 – سېنتەبىردىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا كۆپ بېلەتكە ئېرىشكەن. پاكىستان ئاساسىي قانۇنى بويىچە، زۇڭتۇڭ نامزاتى كۆپ بېلەتكە ئېرىشەلىسىلا زۇڭتۇڭ بولالايدۇ.

   . ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېل ئافېر شەھىرىنىڭ ئاۋات بازىرىدا 6 – سېنتەبىر ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ھازىرغىچە ئالتە كىشى قازا قىلدى، 23 كىشى يارىلاندى.

   . مىسىر پايتەختى قاھىرەنىڭ شەرقىي شەھەر ئەتراپىدا 6 – سېنتەبىر تاغ گۆمۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ھازىرغىچە 02 كىشى قازا قىلدى، 32 كىشى يارىلاندى.   

   .  دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 7 – سېنتەبىر ئەسىف ئەلى زەردارىغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى سەمىمىي تەبرىكلىدى.

   .  مالايسىيادىكى ‹‹شىڭجۇ›› گېزىتىنىڭ 7 – سېنتەبىردىكى خەۋرىدە: ‹‹بېيجىڭ  ئو ت م ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م سىنىڭ كاتتا باشلىنىش مۇراسىمى دۇنيا خەلقىنى يەنە بىر قېتىم تەسىرلەندۈردى›› دېيىلدى.

   .  ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى پۇل مۇئامىلە مۇلازىملىق كومىتېتىنىڭ رەئىسى بان. فرانك 6 – سېنتەبىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئىككى چوڭ ئۆي رەنىلىك قەرز پۇل مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئاپپاراتى  فاننىي مېي  شىركىتى بىلەن فرېددېي ماكنى ئۆتكۈزۈۋېلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.

   .  ت ئا س س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، روسىيە زۇڭلىسى پۇتىن 6 – سېنتەبىر: روسىيە بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ مۇناسىۋىتى جەنۇبىي ئوسسېتىيە توقۇنۇشى سەۋەبىدىن يىرىكلىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، دېگەن.

   .  ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى  قەندىھار ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باش شتابى 7 – سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ئىككى قېتىم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، تەخمىنەن 91 كىشى يارىلاندى.              شىنخۇا ئاگېنتلىقى

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ