|

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 6 – سېنتەبىر ‹‹خەلق›› سارىيىدا بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا كەلگەن ئىران زۇڭتۇڭى نىجاد بىلەن كۆرۈشتى.
خۇ جىنتاۋ ئەھمەد نىجادنىڭ بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م گە قاتنىشىشقا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، ئىران ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ بېيجىڭ ئو ت م، مېيىپلەر ئو ت م نى قوللىغانلىقىغا، ئىران ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ سىچۇەننىڭ ۋېنچۇەندىكى پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشىغا قىممەتلىك ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئەھمەد نىجاد بېيجىڭ ئو ت م نىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى، بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م نىڭمۇ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلىدى.
خۇ جىنتاۋ ئىران يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىراننىڭ يادرو ئېنېرگىيىسىدىن تىنچلىق مەقسىتىدە پايدىلىنىش ھوقۇقىنى ھۆرمەتلەيدۇ، خەلقئارا يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتىۋەتمەسلىك سىستېمىسىنى قوغداشنى، ئىران يادرو مەسىلىسىنى سۆزلىشىش ۋە سۆھبەت ئارقىلىق تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
ئەھمەد نىجاد مۇنداق دېدى: ئالاقىدار تەرەپلەر ئىران يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئىككى لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەرقايسى تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان ھەل قىلىش لايىھىسىنى تېپىشنى ئۈمىد قىلىمىز، ئىران جۇڭگو بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە كېڭىشىشنى خالايدۇ.
|