|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. گېرمانىيە زۇڭتۇڭى كولېر ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان 6 – سېنتەبىر سائەت 16دىن ئاشقاندا بېيجىڭدىكى پايتەخت خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندى. ئۇ بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ھەم ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ.
جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى، دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىزنىڭ ياردەمچىسى ۋۇ خۇڭبو ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى ھەم كولېرنىڭ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.
6 – سېنتەبىر بېيجىڭغا كېلىپ بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقان چەت ئەل دۆلەت رەھبەرلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ئىچىدە چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭغا كەلگەن ئىران زۇڭتۇڭى ئەھمەد نىجاد ۋە كورىيە زۇڭتۇڭى خان سۇڭسۇمۇ بار. ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ھەم ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشماقچى بولغان چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى 50 كىشىگە يەتكەن.
|