|
غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ 17 – قېتىملىق مالىيە – ئىقتىساد نازارەتچىلىكى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 6 – سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ كېمىڭ يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى يىغىندا سۆز قىلدى.
بۇ قېتىمقى يىغىندا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مالىيە – ئىقتىساد نازارەتچىلىكى خىزمىتىنى يېڭى ۋەزىيەتتە قانداق قىلغاندا يەنىمۇ ياخشى ئىشلىگىلى بولىدىغانلىقى، ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ئارىسىدىكى خىزمەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، ئۆزئارا ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىپ، يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلاش، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مالىيە – ئىقتىساد نازارەتچىلىكى خىزمىتى سەۋىيىسىنى ئورتاق ئۆستۈرۈش چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
ئەركىن ئىمىرباقى مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى پەللىدە تۇرماقتا، ئېچىش، قۇرۇشنى تېزلىتىش پۇرسىتى پىشىپ يېتىلدى، شارائىت ھازىرلاندى. كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىگە قىممەتلىك پىكىر – تەكلىپلەرنى بېرىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مالىيە – ئىقتىساد نازارەتچىلىكى خىزمىتى توغرىسىدا كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
|