|
قىشلىق پار بىلەن تەمىنلەش باشلىناي دەپ قالدى، بۇ يىل ئۈرۈمچىدىكى قىسمەن ئاھالىلەر پار پۇلىنى، ئىسسىقلىق مىقدارىغا ئاساسەن تاپشۇرسا بولىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى مىقدارلاشتۇرۇپ ھىسابلاش ۋاقىتلىق باھاسىنى ئېلان قىلدى. بۇ يىل ئۈرۈمچىدە پار بىلەن تەمىنلەشتە ئاساسى باھا ۋە مىقدارلاشتۇرۇلغاندىن كىيىنكى باھانى ئۆز – ئارا بىرلەشتۈرۈپ ھەق ھىسابلاش شەكلى قوللىنىلىدۇ. مىقدارلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئىسسىقلىقنىڭ ھەر جولى 35 يۈەن قىلىپ بېكىتىلدى. ئىسسىقلىقنى مىقدارلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىسى ۋە ئۇنى ئاسراش قاتارلىق ھەقلەر مىقدارلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئىسسىقلىق باھاسىغا قوشىۋېتىلدى.
|