|
ئۈرۈمچى شەھىرى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادى ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى نېفىت، نېفىت – خىمىيە، رەڭلىك مېتاللورگىيە، كۆمۈر ئېلېكتر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ئېغىر سانائەت كەسپلىرىنى داۋاملىق زورايتتى ۋە كۈچەيتتى. باغچىلاشقان سانائەت رايونى ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيىسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك ئىككى تەرەققىيات رايونىنى باشلامچى قىلغان ھالدا، ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىكى تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلەتتى. ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى كارخانىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە نېفىت ۋە نېفىت – خىمىيە كەسپىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق نېفىت – خىمىيە سانائىتى بازىسى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدىگەن، نېفىت – خىمىيە ئىككىلەمچى مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى يېتەكچى قىلغان ھالدا، نېفىت – خىمىيە كەسپىدىكى نۇقتىلىق باغچىلاشقان سانائەت رايونلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى. بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، يىلىغا 300 مىڭ توننا بىرىكمە ئوغۇت، 40 مىڭ توننا مىلامىن ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى يولغا قويدى. ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە شەھەر يېنىك سانائىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى ئۆزلۈكسىز زورايتىپ، خۇالىڭ زامانىۋى قۇشخانىسى، يىلى شىنجاڭ سۈتچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش تۈرى، ھاياتلىق قىزىلى سۇسىزلاندۇرۇلغان كۆكتات پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئېكىسپورت قىلىش تۈرى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى نۇقتىلىق يۆلىدى. يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتىمۇ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. جىنفېڭ پەن – تېخنىكا شىركىتى قۇۋۋىتى چوڭ بولغان شامال گېنېراتورىنى تەتقىق قىلىش ۋە كەسپلەشتۈرۈش، سىرتتىن كىرگۈزۈش ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان شامال گېنېراتورىدىن يىلىغا 1 مىليون 500 مىڭ يۈرۈش ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە يولغا قويىدىغان بولدى. جۇڭخې چەكلىك پاي شىركىتىنىڭ ساپلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئاليومىن، ئاليومىن ياپراقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىدىمۇ ئۆسۈش بولدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى چوڭ كارخانا ۋە چوڭ كارخانا گۇرۇھلىرىنى يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا پائال جەلپ قىلىپ، يىللىق سېتىش كىرىمى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان 10 كارخانا گۇرۇھىنى نۇقتىلىق يۆلىدى. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى نېفىت – خىمىيە سانائىتى شىركىتى، باۋشەن پولات – تۆمۈر گۇرۇھى شىنجاڭ 1 – ئاۋغۇست پولات – تۆمۈر شىركىتى، يېڭى يۇلتۇز نېفىت شىركىتى قاتارلىق 3 كارخانا بار بولغاندىن باشقا، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ۋە مەملىكىتىمىزدىكى 200 كۈچلۈك كارخانا قاتارىدىن ئورۇن ئالغان كوكا كولا گۇرۇھى، باۋشەن پولات – تۆمۈر گۇرۇھى، شۈجۇ كانچىلىق گۇرۇھى، جۇڭگو شېنخۇا گۇرۇھى قاتارلىق بىر تۈركۈم داڭلىق كارخانىلارنى جەلپ قىلدى. نۆۋەتتە، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىدىن ئورۇن ئالغان كارخانىدىن 12سى ئۈرۈمچى شەھىرىگە مەبلەغ سالدى.
|