|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جيۇچۈەن، 6 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئاخبارات باياناتچىسى 6 – سېنتەبىر مۇنداق جاكارلىدى: ‹‹خاسىيەتلىك كېمە – 7›› ناملىق ئادەملىك ئالەمگە ئۇچۇش ۋەزىپىسىگە قوماندانلىق قىلىش باش شتابى 6 – سېنتەبىر 1 – قېتىملىق يىغىن ئېچىپ، ‹‹خاسىيەتلىك كېمە – 7›› ناملىق ئادەملىك ئالەمگە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى 25 – سېنتەبىردىن 30 – سېنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتىكى مۇۋاپىق پەيتتە ئورۇنداشنى قارار قىلدى. ‹‹خاسىيەتلىك كېمە – 7›› ناملىق ئالەم كېمىسىگە 7 – سېنتەبىردىن باشلاپ پروپېللېنت قاچىلىنىدۇ.
بۇ باياناتچى مۇنداق دېدى: ‹‹خاسىيەتلىك كېمە – 7›› ناملىق ئالەم كېمىسىگە پروپېللېنت قاچىلانغاندىن كېيىن، راكېتا بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدۇ، قويۇپ بېرىش ئورنىغا تىك ھالەتتە يۆتكەپ ئاپىرىلىپ، ئاخىرقى قېتىم تەكشۈرۈلىدۇ ۋە بېكىتىلىدۇ. ۋەزىپىگە قوماندانلىق قىلىش باش شتابى راكېتاغا پروپېللېنت قاچىلاشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئالەم كېمىسى مۇۋاپىق پەيتتە قويۇپ بېرىلىدۇ.
|