|
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 6 – سېنتەبىر كەچتە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى جاۋ كېمىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
جاۋ كېمىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ 17 – قېتىملىق مالىيە – ئىقتىساد نازارەتچىلىكى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن.
ۋاڭ لېچۈەن جاۋ كېمىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى قىزغىن قارشى ئالدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۇزاقتىن بۇيان قوللاپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر، شىنجاڭدا ئىقتىساد گۈللىنىۋاتقان، سىياسىي مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، چېگرا مۇستەھكەم بولغان، جەمئىيەت تەرەققىي قىلىۋاتقان، خەلق تۇرمۇشى كۈنسېرى يۈكسىلىۋاتقان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. شىنجاڭ تېپىلغۇسىز تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتى، بىز بۇنىڭدىن كېيىن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ قەدىمىنى داۋاملىق تېزلىتىمىز، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە شىنجاڭنى داۋاملىق قوللىشىنى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى تەكلىپ – پىكىرلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
جاۋ كېمىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتى بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدۇ، شىنجاڭنى داۋاملىق قوللايدۇ، دېدى.
|