باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
تارىخ دەرسىدە قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارغا ئەمەلىي بىلىم بەرگىلى بولىدۇ؟
2008- 09- 08 10:48 شىنجاڭ گېزىتى

 ئايىمنىسا مەتقۇربان

   1. ئوقۇغۇچىلارنى ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى دەرسلىرىگە كۆپرەك تەشكىللەش كېرەك.

   ھازىر يولغا قۇيۇلۇۋاتقان ساپا مائارىپى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇڭا، تارىخ ئوقۇتۇشىدا كىتابىي بىلىمگىلا ئېسىلىۋالماي، ئوقۇغۇچىلارنى كۆپرەك ئەمەلىي پائالىيەت دەرسلىرىگە تەشكىللەش كېرەك. مەسىلەن: ئوقۇغۇچىلارنى ئالاقىدار دەرستىن سىرتقى تارىخ بىلىملىرىدىن زېھىن سىناش مۇسابىقىسىگە تەشكىللەش، تارىخىي ۋەقەلەرگە ئاساسەن تارىخىي درامىلارنى ئۆزلىرى رول ئېلىپ ئورۇنداش، ئۆز يۇرتىنىڭ تۈنۈگۈنى، بۈگۈنى ھەققىدە جەمئىيەت تەكشۈرۈشكە ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت دەرسلىرىگە كۆپرەك تەشكىللىگەندە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىش، تەپەككۇر قىلىش، سېلىشتۇرۇش، تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى، ئۇلارنى كۆپ تەرەپلىمە ئەمەلىي بىلىم ۋە مۇۋاپىق ئىجادىي قابىلىيەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

   2. كۆرسەتمىلىك ئوقۇتۇشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇش كېرەك.

   (1)كۆرسەتمىلىك ئوقۇتۇشتا ھەر خىل تارىخىي خەرىتە، رەسىم، قىستۇرما رەسىم، فوتو سۈرەت قاتارلىقلار تارىخنىڭ ئەينەن گۇۋاھچىسى، ئابستراكت مەزمۇنلارنىڭ كونكرېتلاشتۇرۇلغان قىسمى. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتكەندە يۇقىرىقىدەك كۆرسەتمىلىك ماتېرىياللارنى تۇلۇق كۆرسىتىپ، چۈشەندۈرۈپ دەرس ئۆتۈشى كېرەك.

   كۆرسەتمىلىك ماتېرىياللار نەزەرىيىۋى بىلىملەرنىڭ چۈشىنىشلىك دەرىجىسىنى ئاشۇرىدۇ. مەسىلەن: ئوقۇتقۇچى ‹‹چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەدەنىيەت›› دېگەن دەرسنى سۆزلىگەندە، كىتابنىڭ رەڭلىك رەسىم بېتىدىكى ‹‹چىن شىخۇاڭ قەبرىسىدىكى مىس ئات ھەيكەللەر›› دېگەن رەڭلىك رەسىمنى ۋە دۇنيادىكى 8 – چوڭ مۆجىزە دەپ ئاتالغان ‹‹چىن شىخۇاڭ قەبرىسىدىكى ئەسكەر – ئات ھەيكەللەر›› دېگەن رەڭلىك رەسىمنى ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ قىياپەت ئەينەنلىكى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش كېرەك.

   (2) كۆرسەتمىلىك ئوقۇتۇشتا يەنە دەرسلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كىنو، تېلېۋىزىيە فىلىملىرى، دراما، ئوپېرا قاتارلىق ئاۋازلىق ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى كۆرسىتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مەسىلەن: ئوقۇتقۇچى ‹‹ئۈچ پادىشاھلىقنىڭ ئۈچ تەرەپ بولۇپ تىركىشىپ تۇرۇشى›› دېگەن دەرسنى سۆزلىگەندە، ئوقۇغۇچىلارنى ‹‹ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە›› فىلىمىنى كۆرۈشكە تەشكىللىشى، جۇڭگو – ياپونىيە ئۇرۇشىدىكى ‹‹لوگوچياۋ ۋەقەسى›› دېگەن دەرسنى سۆزلىگەندە ‹‹قارا قۇياش 731›› فىلىمىنى كۆرۈشكە تەشكىللىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ تارىخىي ۋەقەگە بولغان تونۇشى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، ئۇزاققىچە ئېسىدە ساقلىنىپ قالىدۇ.

   (3) ئاسار – ئەتىقە ئورۇنلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

   ھازىر يىڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى بويىچە پائالىيەت دەرسلىرىنى ياخشى ئۆتۈش تەكىتلىنىۋاتىدۇ، مۇشۇنداق تارىخىي شارائىتتا، ئوقۇغۇچىلارنى ئىمكانىيەت يار بەرگەن ئەھۋالدا، يېقىن ئەتراپتىكى قەدىمىي قەبرە، خارابە ۋە مۇزېيخانىلارغا ئېكسكۇرسىيىگە پائال تەشكىللەش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا، ئوقۇغۇچىلارنى تارىخىي ئىزلارنى، تارىخىي پاكىتلارنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ تارىخىي شەخس، تارىخىي بۇيۇم ۋە خارابىلەرگە بولغان تونۇشىنى، تارىخقا بولغان تونۇشىنى  چوڭقۇرلاشتۇرغىلى ۋە ئەمەلىي بىلىمگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

   3. تارىخ ئوقۇتۇشىدا يەنە ئىنتېرنېت تورىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش كېرەك.

   تارىخ ئوقۇتۇشىدا ئىنتېرنېت بىلىملىرىدىن پايدىلىنىش، ئاۋازسىز ۋە ئاۋازلىق ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى توپلاش، دەرسلىككە ماسلاشتۇرۇش ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق جايلاردىكى ئوقۇتۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرى، ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى، ئىلغار ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى بىلەن بالدۇرراق ئۇچرىشىشئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي بىلىملەرنى قوبۇل قىلىشىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ