|
يېڭىلىققا تولغان ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ھەريىلى ئۆزگىچە يېڭىلىقلىرى بىلەن دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن سودىگەرلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلدى. 17 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە چەت ئەللىكلەر سېتىۋالغان 100 يايما ئورنىنىڭ 84ىنى تۈركىيە سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئىگىلىگەنلىكى بىر يېڭىلىق بولدى، ‹‹ئىخلاس›› شىركىتىنىڭ تۇنجى قېتىم تۈركىيە سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتناشقانلىقى تېخىمۇ يېڭىلىق بولدى.
بىز ھازىر تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ يېمەكلىلىك كارخانىسى –– ‹‹ئۈلكەر›› شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى باش ۋاكالەتچىسى، دېدى ‹‹ئىخلاس›› شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى روزاخۇن ئاتۇش، بۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە بىز ھەم تۈركىيە ‹‹ئۈلكەر›› گۇرۇھىنىڭ باش ۋاكالەتچىسى نامىدا، ھەم ‹‹ئىخلاس›› شىركىتىنىڭ نامىدا تۈركىيە سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كۆرگەزمە رايونىدىن تۆت يايما ئورنى ئېلىپ، يەرمەنكىگە قاتناشتۇق.
شىنجاڭ ‹‹ئىخلاس›› كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 2000 – يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى مىللىي كارخانا بولۇپ، سەككىز يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى 200 خىلغا، ئىشچى – خىزمەتچىسى 1000 غا، ھەرقايسى شەھەرلەردىكى تاللا بازىرى 500 گە، توپ تارقىتىش نۇقتىلىرى 45 كە، پارچە سېتىش نۇقتىلىرى 40 مىڭغا يېتىدىغان، شاكىلات، پىرەنىك، تۇخۇم تۈرمىلى، ھەرخىل قۇۋۋەت تالقانلىرى، سۈت تالقانلىرى، فرىما ۋە بۇلماق قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن زامانىۋى چوڭ كارخانىغا ئايلاندى.
شىركىتىمىز قۇرۇلغاندىن تارتىپ، تۈركىيە ‹‹ئۈلكەر›› گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ كەلدى، دېدى روزاخۇن ئاتۇش، بىز ئىمپورت قىلىۋاتقان ‹‹ ئۈلكەر›› مەھسۇلاتلىرى 250 خىلدىن ئاشىدۇ. ھازىر جۇڭگودىكى چوڭ شەھەرلەر، مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر مەركەزلەشكەن رايونلارنىڭ ھەممىسىدە ‹‹ئۈلكەر›› مەھسۇلاتلىرىنى تاپقىلى بولىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست)، ناھىيە – شەھەرلەردىكى، ھەتتا يېزىلاردىكى تاللا بازارلىرىدىمۇ ‹‹ئۈلكەر›› مەھسۇلاتلىرى بار. 2 – سېنتەبىر ئىشلەپ چىقىرىشقا كىرىشكەن ‹‹ئىخلاس›› يېمەكلىك سانائىتى زاۋۇتىنىمۇ تۈركىيە تەرەپنىڭ مەبلىغى بىلەن قۇرۇپ چىقىپ، چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىغا ئايلاندۇق.
بۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە قانداق ئۈنۈمگە ئېرىشمەكچى، سورىدىم مەن.
بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە بىز ‹‹ئىخلاس›› مەھسۇلاتلىرىدىن 150 خىلنى، ‹‹ئۈلكەر›› مەھسۇلاتلىرىدىن 130 خىلنى قاتناشتۇردۇق. تۈركىيە تەرەپ بىلەن ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، خەلقئارا بازارغا يۈزلىنىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلدۇق ...
|