باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
زامانىۋى يەرمەنكىدىكى قەدىمى كەسىپ
2008- 09- 08 10:31 شىنجاڭ گېزىتى

   ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنى زامانىۋى يەرمەنكە دېسەك ھەرگىزمۇ خاتالاشمايمىز، چۈنكى بۇ يەرمەنكىدە يۇقىرى پەن – تېخنىكا بىلەن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئەمما ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ كەڭ ئېچىۋېتىلگەن ئىشىكى ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتلارنىمۇ سىرتتا قالدۇرغىنى يوق. ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن قەدىمى كەسىپ ھېسابلىنىدىغان كۇلالچىلىقنىڭ قويۇق يەرلىك مەدەنىيەت تۈسىگە ئىگە ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن بۇ زامانىۋى يەرمەنكىدىن بىر كىشلىك ئورۇن ئىگىلىشى بۇ سۆزىمىزنىڭ دەلىلى.

   ئۆتكەن نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسى سايباغ كەنتى تاۋاقچىلار مەھەللىسىدىن كەلگەن ئاتا مىراس كۇلالچى ھاجى ئەمەت  ئۆزىنىڭ مېھنەت بىلەن ئىشلىگەن كۇلالچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى يەرمەنكە زالىنىڭ كۆزگە چېلىقمايدىغان يايما ئورنىغا تىزىپ قويۇپ، قورۇنۇش ۋە قىزىقىش ئىلكىدە بۇ كاتتا يەرمەنكە زالىدىكى قايناق كەيپىياتنى كۆزىتىپ ئولتۇردى. ئۆمرى كۇلالچىلىق بىلەن ئۆتكەن ھاجى ئەمەت تولىمۇ بازارلىق بولۇۋاتقان بۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ بۇ كاتتا، زامانىۋى يەرمەنكىدىكى ‹‹تەقدىرى›› دىن سەل ئەندىشە قىلىۋاتاتتى. ئەمما ئۇنىڭ يايمىسى ئالدىدا بارا – بارا كۆپىيىۋاتقان كىشىلەر، توختىماستىن ئۇنى –  بۇنى سوراۋاتقانلار ئۇنىڭغا ئەمدى ئەندىشە قىلغۇدەكمۇ پۇرسەت بەرمىدى. شۇنداق قىلىپ قىسقىغىنا يەرمەنكىدە ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگەن ساپال قاچا، ھېجىر، ساپال تەخسە، ئاپتۇۋا – چىلاپچا، ئىۋرىق، لوڭقا، پىيالە قاتارلىق 20 خىل مەھسۇلاتنىڭ ھەممسى سېتىلىپ تۈگىدى. ئۇ خۇشال بولدى، بىراق مەھسۇلات تۈرلىرىنى ئاز قىلىپ قويغىنىغا، تىل بىلمەسلىكى، تەجرىبىسىزلىكى سەۋەبىدىن بەزى پۇرسەتلەردىن مەھرۇم قالغىنىغا پۇشايمانمۇ قىلدى.
   بۇ  نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە ھاجى ئەمەت يەنە پەيدا بولدى. ئەمما بۇ قېتىم ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قورۇنۇش ئەمەس، بەلكى ئىشەنچ نۇرلىرى پارلاپ تۇراتتى. ئۇ ناھىيىلىك سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى ھەقسىز تەمىنلەپ بەرگەن يايما ئورنىدا 50خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتىنى تىزىپ قويۇپ، ئوغلىنىڭ خېرىدارلارغا مەھسۇلاتلارنى چېۋەرلىك بىلەن تونۇشتۇرۇشىدىن زوقلىنىپ ئولتۇردى. بۇ يىل ئۇ ئۆتكەن يىللىق يەرمەنكىدىن جۇغلىغان تەجرىبىسى بويىچە ئۆزىنىڭ كۇلالچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا ‹‹ چېۋەر قول›› دەپ چىرايلىق ‹‹ ئىسىم››مۇ قويۇۋالدى. بىزدە ماركا ئېڭى يەنىلا ئاجىز بولۇۋاتقان شارائىتتا، يىراق يېزىدىن كەلگەن بۇ ھۈنەرۋەننىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ماركا قوللىنىشى مېنى قىزىقتۇردى. شۇڭا  مەن ھاجى ئەمەتنىڭ سەل بىكار بولۇپ قالغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭدىن ئۆز مەھسۇلاتلىرىغا قانداق قىلىپ ماركا قويۇش خىيالىغا كېلىپ قالغانلىقىنى ۋە بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدىكى ھاسىلاتلىرىنى سورىدىم.

   ماركا قويۇش تولىمۇ مۇھىم ئىشكەن، بولمىسا زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگەشكىلى، رىقابەتتىمۇ مەھكەم پۇت تىرەپ تۇرغىلى بولمايدىكەن. شۇڭا بۇيىل مەھسۇلات تۈرىمىزنى كۆپەيتىپلا قالماستىن، يەنە ئەستايىدىل ئويلىشىپ < چېۋەر قول> دېگەن ماركىنىمۇ قويدۇق. ھازىر قەشقەر شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا يەككە تىجارەتچىلەر بىزدىن ئايدا 5000 – 6000 يۈەنلىك ساپال بۇيۇملارنى سېتىۋېلىپ كېتىدۇ. رېستوران، تېز تاماقخانىلارنىڭ كۆپىيىشىمۇ بىزگە پۇرسەت بولدى. ئۇلارغىمۇ مال يەتكۈزۈۋاتىمىز. شۇڭا يېقىندا ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازاردىن بىر دۇكان  ئالدۇق. خېرىدارلىرىمىزدىن ۋەكالىتەن سېتىش نۇقتىسى تەسىس قىلساڭلار بوپتىكەن، دېگەن تەلەپلەرمۇ كۆپ كەلدى.  بىز بۇنىمۇ ئويلىشىۋاتىمىز، پات يېقىندا بۇ ئارزۇيىمىزمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۆتكەن يىللىق يەرمەنكىدە ئۈنۈم بىز ئويلىغاندىنمۇ ياخشى بولغانىدى. بۇ يىل تېخىمۇ ياخشى بولدى. شۇڭا مەھسۇلات تۈرلىرىمىزنى يەنىمۇ كۆپەيتىپ، يەنىمۇ كاتتا ئىشلارنى قىلىشنى كۆڭلىمىزگە پۈكتۇق. بىزنىڭ بۇ ئىشلىرىمىزنى ناھىيىلىك سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىمۇ ناھايىتى قوللىدى، ھەتتا بۇ يايما ئورنىنىمۇ شۇلار ھەقسىز تەمىنلىدى. مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ روناق تاپماي بولامدۇ؟

   ئۆتكەن نۆۋەتلىك يەرمەنكىدىكى تارتىنچاق بۇ ھۈنەرۋەن مانا ئەمدىلىكتە دادىللىق بىلەن مەن تېخى سوراشقا ئۈلگۈرمىگەن سوئاللارغىمۇ جاۋاپ بېرىپ، چاقماقتەك سۆزلەپ كېتىۋاتاتتى. مەن بۇنىڭدىن ھەيران قالمىدىم، چۈنكى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ سېھرىي دەل مۇشۇ يەردە. قابىللار، تېرىشچانلار ئۈچۈن راسلانغان بۇ كاتتا، زامانىۋى مەرىكىدە مانا مۇشۇنداق ئەقلى بىلەن تەۋەككۈل قىلالايدىغان كىشىلەرلا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قەدىمى كەسىپنىمۇ ‹‹بويۇن قىستۇرماي›› نۇرلاندۇرالايدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ