باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن كورىيە زۇڭلىسى خەن شېڭجۇ بىلەن كۆرۈشتى
2008- 09- 08 10:31 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      7– سېنتەبر ، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ جوڭنەنخەيدىكى بىنەپشەرەڭ راۋىقىدا بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئېلىمىزگە كەلگەن كورىيە زۇڭلىسى خەن شېڭجۇ بىلەن كۆرۈشتى. ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋاپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، مېيىپلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا پائال قاتنىشىشىغا ئىلھام بىرىپ ۋە ياردەم بىرىپ، پۈتكۈل جەمىئىيەتنىڭ تۆھپە قوشۇش ۋە مۇلازىمەت ئېڭىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ ئۇلارغا كۆپرەك كۆيۈنۈش ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن كورىيىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسى ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم تەرەققى قىلىشىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى. جۇڭگو تەرەپ كورىيە تەرەپ بىلەن مۇھىت ئاسراش، خەۋەرلىشىش، پۇل مۇئامىلە، ماددىي ئوبوروت، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو- كورىيە ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات داۋامىدا بىر- بىرىگە نەپ يەتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى خالايدۇ. خەن شېڭجۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتىنى يېڭىپ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، دۇنيا خەلقىنى قايىل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كورىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان تۈرلۈك ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ئەمەلىلەشتۈرۈپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ ۋە ئېچىپ، ئەككى تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتنىڭ يەنىمۇ تەرەققى قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. خەن شېڭجۇ يەنە جۇڭگو تەرەپنىڭ 6 تەرەپ سۆھبىتىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىغا ئىجابىي باھا بەردى.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ