باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
يەرمەنكە ئاتا قىلغان ‹‹سېھرىي كۈچ››
2008- 09- 08 10:15 شىنجاڭ گېزىتى

  2 –  سېنتەبىر كۇچا ‹‹ئەليار›› مېۋە مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتىنىڭ باشلىقى ئېزىز ئىليار ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى –  سىرتىدىن كەلگەن كونا، يېڭى خېرىدارلىرى بىلەن ئومۇمىي پۈتۈشۈش سوممىسى 7 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان ‹‹ئەليار›› ماركىلىق ئۆرۈك مۇرابباسى، گۈلە، مۇسەللەس، زەبىب، ئۆرۈك ھارىقى ۋە ئانار ھارىقى قاتارلىقلارنى سېتىش – سېتىۋېلىش توختامى تۈزدى. توختام ئىمزالاش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئۇ تولىمۇ خۇرسەن بولغان ھالدا ماڭا مۇنداق دېدى: ‹‹مەن ئۆتكەن نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە 12 مىليون 800 مىڭ يۈەن قىممىتىدە مال سېتىش – سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىغانىدىم. بۇ نۆۋەت يەنە كۆڭلۈمدىكىدەك توختامدىن بىرنى تۈزۈۋالدىم. مانا بۇلار يۇرتىمىزنىڭ ئېسىل مېۋە – چېۋىلىرى ماڭا ئېلىپ كەلگەن ئامەت ۋە بايلىق، مەن يۇرتىمىزنىڭ مېۋە – چېۋىلىرىدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن!››

   پاكىت شۇكى، جاھان ئەھلىگە ‹‹مېۋە – چېۋە ماكانى›› دەپ ئاجايىپ يارىشىملىق نام بىلەن تونۇلغان يۇرتىمىز شىنجاڭنىڭ شېرىن – شەربەتلىك مېۋە – چېۋىلىرىنىڭ مېغىزىنى چېقىۋاتقانلار يالغۇز ئېزىز ئىليارلا ئەمەس، ئېزىزغا ئوخشاش مېۋە –  چېۋە پىششىقلاش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدىن ئىبارەت ‹‹ئالتۇن قانات››تىن پايدىلىنىپ ‹‹كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان››لارنى بارماق بىلەن ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.

   ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى دەل شىنجاڭ مېۋە –  چېۋىلىرىنىڭ ئالتۇن پەسلى بولغان ئالتۇن كۈزدە ئۆتكۈزۈلگەچكە، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان دەسلەپكى چاغلاردا پۈتۈن يەرمەنكە زالىنىڭ ئىچى ناھايىتى چوڭ ‹‹مېۋە –  چېۋە ئامبىرى››غا ئايلىنىپ كېتەتتى. ئۇ چاغلاردا كورلىلىقلار نەشپۈتىنى، قەشقەرلىكلەر ئانىرىنى، خوتەنلىكلەر ياڭىقىنى، ئاتۇشلۇقلار مۇناقى ئۈزۈمىنى، تۇرپانلىقلار كىشمىش ئۈزۈمىنى، قۇمۇللۇقلار قوغۇن ۋە چىلىنىنى ئېلىپ كېلىپ، يايما ئورۇنلىرىغا چىرايلىق تىزىپ، مەملىكەت ئىچى –  سىرتىدىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ كۆزلىرىنى ئالاچەكمەن قىلىپ، ئېغىزلىرىغا سېرىق سۇ كەلتۈرۈۋېتەتتى... دېمەك، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ئاپتونوم رايونىمىز مېۋە – چېۋىلىرىنىڭ ‹‹لاتاپىتى›› ۋە ‹‹سېھرىي كۈچى››نى يېڭى ئەسىرنىڭ ھارپىسىدا دۇنيا ئەھلىگە يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدۇرغانىدى.

   شىنجاڭ خەلقى ئۆزلىرى چەكسىز پەخىرلىنىش ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە نامىنى تىلغا ئالىدىغان شىنجاڭ مېۋە –  چېۋىلىرىنىڭ ‹‹مېغىزىنى چېقىش››تا كېيىنچە زامانغا لايىق ئىش كۆرۈشنى ئۆگەندى. يەنى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدىن باشلاپ، شىنجاڭلىقلار مېۋە –  چېۋىلەرنى جىڭلاپ، تاغارلاپ سېتىشتىن ئاستا –  ئاستا ھالدا مېۋە – چېۋىلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق ئۇنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇپ سېتىشنى ئۆگەندى. ‹‹لوقمان››، ‹‹گۆھەر زېمىن››، ‹‹تۆت پەسىل›› قاتارلىق مېۋە شەربەتلىرى ئىشلەشنى ئاساس قىلغان كارخانىلار ۋە‹‹ ئارمان››، ‹‹ئىخلاس››، ‹‹ئامىنە›› قاتارلىق قۇۋۋەت تالقانلىرى ئىشلەشنى ئاساس قىلغان كارخانىلارنىڭ ئۈرۈمچى يەرمەنكىسگە ئارقا – ئارقىدىن قەدەم تەشرىپ قىلىشى بىلەن شىنجاڭ مېۋە –  چېۋىلىرى يەرمەنكە ئەھلى ئالدىدا باشقىچە قىياپەت ۋە ئۆزگىچە قىممەت بىلەن نامايان بولدى.

   بۇ يەردە شۇنداق بىر پاكىتنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىش زۆرۈركى، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى چوڭ – چوڭ كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ زاۋۇت قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مېۋە – چېۋىلىرىدىن پايدىلىنىپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش قىزغىنلىقنىمۇ ئاشۇردى. ‹‹شاڭدۇ›› ھاراقچىلىقى، ‹‹كروران›› ھاراقچىلىقى، ‹‹شىنتىيەن›› ھاراقچىلىقى قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەلا سۈپەتلىك قىزىل ئۈزۈملىرىنى ‹‹پاناھ تارتىپ›› تۇرپان، يەنجى، سانجى، قۇتۇبى قاتارلىق جايلاردا ‹‹يىلتىز تارتىشى›› دەل بۇنىڭ دەلىلى بولالايدۇ.

   مېۋە – چېۋىلىرىمىزنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆسۈشى تۈرتكىسىدە، ئاپتونوم رايون مىقياسىدا باغۋەنچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، باغۋاران بىنا قىلىش ‹‹مودا››غا ئايلاندى. يەنى كاللىسى سەگەك دېھقانلىرىمىز چاقماق تېزلىكىدە مېۋە –  چېۋە كۆچەتلىرىنى ھويلا – ئاراملىرىدىن ئېتىز –  قىرلىرىغىچە كېڭەيتىپ، كۆلەملەشكەن باغۋەنچىلىك ئارقىلىق يانچۇقىنى تومپايتىش يولىغا ماڭدى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا تارىم ئويمانلىقى باغۋەنچىلىك بازىسى، تۇرپان –  قۇمۇل ئويمانلىقى باغۋەنچىلىك بازىسى، ئىلى دەريا ۋادىسى باغۋەنچىلىك بازىسى ۋە تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى باغۋەنچىلىك بازىسىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ بازا رەسمىي شەكىللەندى.

   ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى تەمىنلىگەن ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئومۇمىي مېۋىلىك باغ كۆلىمى 13 مىليون موغا يەتكەن بولۇپ، 2007 –  يىلىدىكى ئومۇمىي مېۋە مەھسۇلاتى 4 مىليون 500 مىڭ توننىدىن، مەھسۇلات قىممىتى 8 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، باغۋەنچىلىك دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان چوڭ كەسىپلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

   دېمەك، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى شىنجاڭ مېۋە – چېۋىلىرىنىڭ شانۇ – شۆھرىتىنى ئەلگە نامايان قىلدى، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى شىنجاڭ مېۋە – چېۋىلىرىنى دېڭىز – ئوكيانلاردىن ھالقىتىپ دۇنياغا تونۇتتى، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى شىنجاڭدىكى باغۇ – بوستانلارنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىشىگە، باراقسان بولۇشىغا ئۈن – تىنسىز ھالدا تۆھپە قوشتى.
مۇخبىرىمىز ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ