|
ئۈرۈمچى تاشقى ئىقتىساد – سودا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان17 يىل كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقىچە ئۆتۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ كارتىنىسى بولۇپ قالدى. 17يىلدا ئۈرۈمچى ئىقتىساد – سودا يەرمەنكىسى غايەت زور ماگنىت مەيدانىدەك مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ شۇنداقلا دۇنيا خەلقىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى. شىنجاڭنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدىمۇ ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە ئەگىشىپ نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى.
ئەسلىسەك، ئىككى يىل بۇرۇن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى چېن جى مۇنداق بىر سۆزنى قىلغان: ‹‹قەشقەر ۋىلايىتىدە بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، كىشىلەرنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشى ھالقىلىق مەسىلە، ئۈرۈمچى ئىقتىساد – سودا يەرمەنكىسى بىزگە بۇ يولنى ئېچىپ بەردى››. 1990 – يىلىدىن بۇرۇن، قەشقەر ۋىلايىتىدە زامانىۋىلاشقان سانائەت كارخانىسى، پەن – تېخنىكا كارخانىسىدىن بىرىمۇ يوق ئىدى. ئۇلار ئۈرۈمچى ئىقتىساد – سودا يەرمەنكىسىگىمۇ ناھايىتى پاسسپ ھالەتتە كېلىپ قاتناشقانىدى، ھازىر قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ سودىگەر چاقىرىش تۈرلىرىگە قويغان تەلىپىمۇ يۇقىرىلىدى، توختام تۈرلىرى ۋە سوممىسىغا بولغان تەلىپىمۇ ئاشتى، مانا بۇ ئۆزگىرىشلەر ئۈرۈمچى ئىقتىساد – سودا يەرمەنكىسىنىڭ مەھسۇلى. بۇرۇن بۇ يەردىكى كىشىلەر ئۆزىنى ھەمممىدىن ياخشى ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى، ئەمما ئۈرۈمچى ئىقتىساد – سودا يەرمەنكىسىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئۇلار باشقا جايلارنىڭ تېخىمۇ رەڭگارەڭ ئىكەنلىكىنى بايقىدى، شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلاردا ئىلگىرى زادىلا بولۇپ باقمىغان سىرتقا چىقىپ پۇرسەت تېپىش، تېخىمۇكۆپ پۇل تېپىش ئىستىكى، خەنزۇتىلىنى ئۆگىنىش ئىستىكى قوزغالدى. ئۇلار شۇنداق بىر ھەقىقەتنى چۈشەندى، نۇرغۇنلىغان كارخانىلارقەشقەرگە كېلىپ ماكانلىشىۋاتقان، ئۇلارغا تېخىمۇ ياخشى پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تىل كاپالىتى بولمىسا، ئېھتىياجغا ماسلىشىشىتىن قانداقمۇ سۆزئاچقىلى بولسۇن؟!
ھەريىللىق ئۈرۈمچى تاشقى ئىقتىساد – سودا يەرمەنكىسى يۇقىرى نوپۇزلۇق، چوڭ كۆلەملىك يەرمەنكە بولۇپلا قالماي، يەنە بىر چوڭ مەكتەپ، ئۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى ‹‹يېتىلدۈرۈش›› بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭلىقلارنى، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىمۇ ‹‹يېتىلدۈردى››. بۇ ‹‹مەكتەپ›› تە دېھقان، ئىشچى، ئوقۇغۇچىدىن تارتىپ جەمئىيەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرگىچە بولغان ئادەملەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۈرۈمچى تاشقى ئىقتىساد – سودا يەرمەنكىسى ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئىجتىمائىي كۈچى بىلەن كىشىلەر قەلبىگە ئاستا – ئاستا تەسىر كۆرسىتىپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى يېڭىلىدى، زامانىۋى بازار ئىگىلىكىگە يۈزلەندۈردى. ئۇلاردا ئىقتىسادىي ئاڭنى يېتىلدۈردى. ئۇلارغا ئۆزىدىكى يوشۇرۇن بايلىقلارنى قېزىپ چىقىپ، بازارغا يۈزلىنىشنى ئۆگەتتى، بۇرۇنقى يەرمەنكىلەردە كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان دېھقان يايمىچىلىرىمىزنىڭ دادىللىق بىلەن بۇ چوڭ سەھنىدە ئۆزىنى نامايان قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى چىقىش يولى ئىزدەشكە جۈرئەت قىلالىشى دەل بۇنىڭ ئىسپاتى ئەمەسمۇ؟! شۇڭا بىز شۇنداق دېيەلەيمىزكى، ئۈرۈمچى تاشقى ئىقتىساد – سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئىجتىمائىي رولىغىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدۇ.
|