|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. رەئىس خۇ جىنتاۋنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى يېقىندا ‹‹ئارمىيىدىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر››نى تەستىقلاپ يوللىدى. بۇ، ئارمىيىنى قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىقتىسادنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خىراجەت، ماددىي ئەشيا كاپالىتى ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، كادىرلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
‹‹پىكىر››دە پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش زىچ چۆرىدەلگەن ھالدا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلدى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئوبيېكتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىپ باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قېلىپلاشتۇرۇلدى، ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىسىنى قوللىنىشنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى تەكىتلەندى، پارتكومنىڭ رەھبەرلىك سالمىقىنى ئاشۇرۇش، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، خىزمەت ھەرىكەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشكە ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
‹‹پىكىر››دە مۇنداق تەكىتلەندى: باشقۇرۇۋاتقان خىراجەت، ماددىي ئەشيالار بىرقەدەر كۆپ، كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان بايلىقنى تەقسىم قىلىش ھوقۇقى ۋە تەڭشەش ھوقۇقىغا ئىگە، چوڭ قۇرۇلۇش ۋە كۆپ مىقداردىكى ماددىي ئەشيالارنى سېتىۋېلىشقا مەسئۇل ئورۇن، تارماقلاردىكى ئاساسلىق رەھبەرلەر، شۇنىڭدەك زاپاس كادىرلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن رەھبەرلەرنى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتىكى نۇقتىلىق ئوبيېكت قىلىپ، ئورۇن ۋە تارماقلاردىكى ئاساسلىق رەھبەرلەرنى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىقتىسادىي تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى، خىراجەت تەستىقلاش ھوقۇقى، مەبلەغ ئىشلىتىش ھوقۇقى، ماددىي ئەشيا تەقسىم قىلىش ھوقۇقىنى نۇقتىلىق ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى مەزمۇن قىلىش كېرەك. ئىقتىسادىي ساھەدىكى تەدبىردە كەتكۈزۈپ قويۇش، ئىجرا قىلىش شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىش، باشقۇرۇش، كونترول قىلىش كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى تىرىشىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىشنى باھالاشتا ئىقتىسادىي پائالىيەتنى مەركەز، ئوبيېكتپ ئەمەلىيەتنى ئاساس، سىياسەت، قانۇن – بەلگىلىمىلەرنى مىزان قىلىپ، پارتكوم باھالاش بىلەن دېموكراتىك باھالاش، شەخسلەر خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش بىلەن ئايرىم سۆزلىشىش، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش بىلەن ئۇنىۋېرسال ئانالىز قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىپ باھالاشنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇشى، تارىخ ۋە ئەمەلىيەتنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتەلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
‹‹پىكىر››دە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىپ باھالاش نەتىجىسىنى كادىرلارنى باھالاش، تەڭشەپ ئىشلىتىشتىكى مۇھىم ئاساس قىلىش تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلغان، نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان رەھبىرىي كادىرلارنى ئوخشاش شەرت ئاستىدا ئالدى بىلەن ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ؛ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى بىرقەدەر ياخشى ئادا قىلغان رەھبىرىي كادىرلارنىڭ كادىرلارنى باھالاش دەرىجىسىنى ئەلا قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى ئادەتتىكىچە، مالىيە – ئىقتىساد باشقۇرۇشى ياخشى بولمىغان رەھبىرىي كادىرلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ھەم ئەھۋالىغا قاراپ خىزمەت ئورنىنى تەڭشەش كېرەك؛ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى ناچار، ئىقتىسادىي مەسىلىسى بار رەھبىرىي كادىرلارنى ھازىرقى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش ھەم ئالاقىدار مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى ئادەتتىكىچە بولغان رەھبىرىي كادىرلارنى زاپاس كادىر قىلىپ بېكىتىشكە بولمايدۇ.
|