باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەر تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىق كۆرۈلسە ، ۋاقىتلىق ياردەم بېرىش پۇلى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن 
2008- 09- 08 09:53 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

        مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە ، بۇ يىل 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يولغا قويۇلىدىغان ‹‹ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قىيىنچىلىقى بار شەھەر ئاھالىلىرىگە ۋاقىتلىق ياردەم بېرىش ۋاقىتلىق چارىسى›› بويىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەر ئېغىر كېسەللىك ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئاپەت ياكى پەرزەنتلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىق كۆرۈلسە ، ۋاقىتلىق ياردەم بېرىش پۇلى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن ، قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش پۇلى 200 يۈەندىن 400 يۈەنگىچە بولىدىكەن.
        مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە ، بەھرىمەن بولۇشقا بولىدىغان ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش --- داۋالىنىش، مائارىپ ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە ، داۋالىنىش جەھەتتە، شەھەردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە تۈرلۈك يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ، ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىش، نېرۋا كېسەللىكلىرى، مېڭە قان تومۇرلىرىدىكى تاسادىپىيلىقتىن كېيىن پەيدا بولغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر، ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى، تاجىسىمان يۆرەك كېسەللىكى، دىئابىت كېسەللىكى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى، جىگەر قېتىشىش كېسەللىكى قاتارلىق ئېغىر كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش چىقىمىنىڭ 50 پىرسەنتىگە ياردەم بېرىدىكەن، ياردەم بېرىش سوممىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى 4 مىڭ يۈەن بولىدىكەن، مائارىپ جەھەتتە، شەھەرلەردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى شۇ يىلى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئالىي تېخنىكومدىن يۇقىرى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنسا، 2 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ( ئوتتۇرا تېخنىكوم، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى)دە ئوقۇۋاتقان  ئوقۇغۇچىلارغا 500 يۈەن يەردەم پۇلى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا 200 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ۋاقىتلىق ياردەم بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قىيىنچىلىقى بار شەھەر ئاھالىلىرى پرىنسىپ جەھەتتىن پەقەت بىر قېتىملا ئوخشاش دەرىجىدىكى ياردەمدىن بەھرىمەن بولىدىكەن.
     ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئىزاھات بېرىپ مۇنداق دېدى: شەرتكەن ئۇيغۇن كېلىدىغان شەھەر ئاھالىلىرى ۋاقىتلىق قىيىنچىلىققا دۈچ كەلگەندە، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىغا يازما ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ ھەمدە ئائىلىسىنىڭ كىرىم ئەھۋالى ئىسپاتى ۋە ئائىلىسىنىڭ چىقىم قىلىشقا تېگىشلىك داۋالىنىش راسخۇدى ئىسپاتى قاتارلىق ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئېلىۋېلىپ، ‹‹ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقىغا ياردەم بېرىشنى تەستىقلاش جەدۋىلى ›› نى ئەينەن تولدۇرسىلا بولىدۇ.                            

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ